Chinese→UyghurMain Dictionary
记忆力
ئەدلىيە,قانۇن
jì yì lì
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىDمائارىپ
jì yì lì
خاتىرە قابىلىيىتى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارىDئۇنىۋېرسال
jì yì lì
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارى
Dتېببىي
jì yì lì
خاتىرە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى
پسىخولوگىيە
خاتىرە قابىلىيىتى
كىشى مېڭىسىنىڭ ئىلگىرىكى تەجرىبە ۋە بىلىملىرىنى ساقلاش ۋە يادىغا كەلتۈرۈش قابىلىيىتىدىن ئىبارەت. ئومۇمەن ئالغاندا، كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشقا دائىر بىلىم، تەجرىبىلەرنى خاتىرەپ ئالالايدۇ. لېكىن خاتىرە قابىلىيىتى ياخشىلار زۆرۈر ماتېرىياللارنى تېز ۋە توغرا ئەستە قالدۇرىدۇ ھەمدە ئۆز ۋاقتىدا توغرا ئەسكە كەلتۈرەلەيدۇ، بولۇپمۇ ئۆگەنگەن ماتېرىياللارنى ئىلگىرىكى بىلىم تەجرىبىلىرى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ، ئىلگىرىكى بىلىم سىستېمىسىغا كىرگۈزۈۋېلىشقا ماھىر بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆزىنىڭ مەنىۋى بايلىقىغا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ ۋە كېرەك بولغاندا خاتىرە ئامبىرىدىن تاللاپ چىقىرالايدۇ. مانا بۇ ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم پسىخىك پەزىلەت، كىشىلەرنىڭ خاتىرە قابىلىيىتىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى كۆپىنچە خاتىرە شارائىتى، خاتىرە ئۇسۇلى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ساغلام كىشىلەرنىڭ خاتىرە قابىلىيىتىنى يوشۇرۇن زاپاس كۇچى ناھايىتى زور بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ زاپاس كۇچنىڭ توپلاپ ساقلاش قابىلىيىتى ھازىر دۇنيادا بار بولغان بارلىق ئېلېكترۇنلۇق ھېسابلاش ماشىنىلرىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ زور.