Chinese→UyghurMain Dictionary
记忆痕迹
پسىخولوگىيە
خاتىرە ئىزى
بۇ ئومۇمەن ئالغاندا، ئىلگىرىكى پسىخىك پائالىيەتنىڭ ئورگانىزمنىڭ ئۆزىگە، بولۇپمۇ نېرۋا سىستېمىسىغا قىلغان تەسىرىنىڭ ئىزىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق خاتىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىش ھادىسىسى چۇشەندۈرۈلىدۇ. فرانسوز پسخولوگى سىمون 1904 - يىلى «ئىز» دېگەن ئاتالغۇنى قوللانغان ئىدى. ئۇنىڭ تەدبىرى: ئۇ غىدىقلىغۇچنىڭ تەسىرى تۇگىگەندىن كېيىن مېڭە توقۇلمىسىنىڭ قوزغىلىش بولغان قىسىمىدا قالغان ئۆزگىرىشىتىن ئىبارەت. 1923 - يىلى گېرمانىيە پسىخولوگى كوخلېر بۇ ئىزنى چوڭ مېڭىدىكى بىر خىل ئېلېكترونلۇق جەريان، بۇ ئاڭسىز بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئىزاھلىدى، ئۇنىڭ قارىشىچە، دەسلەپكى غىدىقلاش ئەستە قالسا، شۇ ئارقىلىق ھۆكۈم قىلغاندىكى غىدىقلىنىشتا چوقۇم مەلۇم خىلدىكى ئىز قالىدۇ. بۇ ئىز ئۆلچەملىك غىدىقلىنىش بىلەن سېلىشتۇرما غىدىقلىنىش ئارىلىقىدىكى ۋاقىت ئىچىدە ئاجىزلىشىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ قاراش بۈگۈنگىچە قىياس ھالىتىدە تۇرماقتا. ئىز توغرىسىدا ھازىر بىزنىڭ چۈشەنگىنىمىز پەقەت ئۇنىڭ رولىدىن ئىبارەت. ئەمما ئۇنىڭ خاراكتېرى (خۇسۇسيىتى) فىزىئولوگىيىلىك، بىئوخىمىيىلىك ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ساقلىنىدىغانلىقى، ئورنى، قانداق ئورۇندا ساقلىنىدىغانلىقى، قانداق توقۇلمىدا تۇرىدىغانلىقى بىزگە تولۇق مەلۇم ئەمەس. خاتىرە ئىزى توغرىسىدىكى تەتقىقات 18 - ئەسىردىن ئىلگىرى بىر قىياستىن ئىبارەت ئىدى. 19 - ئەسىردە خاتىرىنىڭ ئىزى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. مۇشۇ ئەسىردىن بۇيان، بولۇپمۇ 50 - يىللاردىن كېيىن مېڭە ئىلمىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تەتقىقات تېخنىسكىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى بىلەن خاتىرە ئىزى تەتقىقاتىمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. بۇ تەتقىقاتلار ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئوخشىمىغان سەۋىيىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئاناتومىيە يەنى پۈتۈن گەۋدە سەۋىيىسى بويىچە، ئورنىنى بەلگىلەش تەلىماتى بىلەن مېڭىدىكى تەڭ كۈچ تەلىماتى؛ ھۈجەيرە سەۋىيىسىدە، سىناپسېنىڭ ئۆسۈشى تەلىماتى؛ مولېكۇلا سەۋىيسىدە (بىئوخمىيە جەھەتتىكى تەتقىقات)، خاتىرە مولىكۇلا تەلىماتى بارلىققا كەلدى. ھازىر بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلار جانلىنىپ كەتتى. ئاساسەن RNA (يادرو شېكىرى يادرو كىسلاتاسى) بىلەن ئاقسىلدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مولېكۇلا چوڭ رول ئوينسا كېرەك. بۇلاردىن باشقا، خاتىرە ئىزى توغرىسىدىكى مېڭە ئېلېكترون تەتقىقاتىمۇ بار.