Chinese→UyghurMain Dictionary
记忆的阶段性
پسىخولوگىيە
خاتىرىنىڭ باسقۇچلۇقلۇقى
خاتىرە تۈرلۈك باسقۇچلاردىن ئۆتىدۇ. ساقلىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىغا قاراپ، ئۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرە، قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرە ۋە ئۇزۇن ۋاقىتلىق خاتىرىلەرگە بۆلۈنىدۇ. مۇنداق ئۈچ خىل سەۋىيە باسقۇچىدا تۇرغان خاتىرە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، «خاتىرىنىڭ باسقۇچلۇقلۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەڭ قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرە سەزگۈ خاتىرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ شەيئىنى ئىدراك قىلىش توختىغاندىن كېيىن، ھاسىل بولغان ئىز بىر پەس داۋام قىلىپ ئۆچۇپ كېتىدىغان خاتىرىدىن ئىبارەت. قالدۇق تەسۋىر ئەنە شۇنىڭ مىسالى. بۇ روشەن ئوبرازغا ئىگە، ساقلىنىش ۋاقتى قىسقا، تەخمىنەن 0.25 - 2 سىكۇنتقىچە ساقلىنىدۇ. ساقلانغان مىقدار قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىدىن كەڭرەك بولىدۇ. ئەگەر ئالاھىدە دىققەت قىلىنسا، قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىگە ئايلىنىدۇ. دىققەت قىلىنمىسا تېزلىك بىلەن ئۆچىدۇ.
ساقلىنىش ۋاقتى بىر مىنۇت ئەتراپىدا بولغان خاتىرە قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىدۇر. بۇ خىل خاتىرىنىڭ مەزمۇنىغا كىشى تولۇق دىققەت قىلغان بولىدۇ. لېكىن مىقدار چەكلىك بولىدۇ. كۆپ قېتىم تەكرارلاپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ خىل خاتىرىنى كۇچەيتكىلى بولىدۇ. ئەگەر مەلۇم مەنە بېرىلسە، ياكى مەلۇم كۆرسەتمىلىك ئوبراز بىلەن بىرلەشتۇرۇلسە، ياكى قوشاققا ئايلاندۇرۇپ ئېلىنسا، خاتىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆسىدۇ. قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرە ماتېرىيالى تەكرار - تەكرار مەشىق قىلىنسا، ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرە ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ.
ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى بىر مىنۇتتىن يۇقىرى بولۇپ، ھەتتا بىر قانچە يىلغا بارىدۇ. بۇنىڭ مەزمۇن مىقدارى كۆپ بولىدۇ. بۇ خىل خاتىرە قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىنىشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. بەزىلىرى تەسىرنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئارقىسىدا بىر قېتىمدىلا شەكىللىنىدۇ. دېمەك، تۈرلۈك باسقۇچتىكى خاتىرىلەرنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى، ھەجىمى ۋە پسىخولوگىيىلىك پىششىقلاپ ئىشلىنىشلىرىنىڭ ھەممىسى تۈرلۈك تەرەققىيات سەۋىيىسىدە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمىمۇ ئاددىيدىن مۇرەككەپلىشىپ بارىدۇ.