Chinese→UyghurMain Dictionary
急性实验
بىئولوگىيە
جىددىي تەجرىبە
تەجرىبە قىلغۇچى ھايۋان ناركوز قىلىنغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن ئەھۋالدا ئورگان ياكى توقۇلمىلارغا قىسقا مۇددەتلىك تەجرىبە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. تەجرىبىدىن كېيىن ھايۋان ئۆلۈپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇ ئادەتتە جىددىي تەجرىبە ئۇسۇلى دېيىلىدۇ. جىددىي تەجرىبە يەنە تېنىدىن ئاجرىتىۋېلىنغان ئورگان، توقۇلما تەجرىبە ئۇسۇلى ۋە تىرىك تەنىنى يېرىش دېگەنلەرگە بۆلۈنىدۇ. تېنىدىن ئاجرىتىۋېلىنغان ئورگان، توقۇلما تەجرىبىسى تىرىك ياكى ئەمدىلا ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان بەدىنىدىن تەجرىبە قىلىنىدىغان ئورگان ياكى توقۇلمىنى چىقىرىۋېلىپ ئەسلىدىكى ياشاش شارائىتىغا يېقىن كېلىدىغان سۈنئىي مۇھىتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئورگان ياكى توقۇلمىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسىنى ئىمكانقەدەر ساقلاپ بىر مەزگىل ھايات تۇرغۇزۇش ئارقىلىق تەجرىبە ئىشلەشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، سىلىق مۇسكۇل توقۇلمىسىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى تەتقىق قىلىنماقچى بولغاندا ئىنچىكە ئۈچەيدىن بىر پارچە سىلىق مۇسكۇل توقۇلمىسىنى كېسىۋېلىپ 37 سىلتسىيە گرادۇسلۇق ترود (<فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى> گە قارالسۇن) ئېرىتمىسىدە تۇرغۇزۇپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىلىدۇ. تىرىك تەنىنى يېرىش تەجرىبىسى ھايۋاننى ناركوز قىلغان ياكى چوڭ مېڭىسىنى ئېلىۋەتكەن ئەھۋال ئاستىد تىرىك تۇرغۇزۇپ يېرىپ تەتقىق قىلىنماقچى بولغان ئورگاننى ئېچىپ تەتقىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئاشقازان - ئۈچەي ھەرىكىتىگە بولغان تەسىرى تەتقىق قىلىنمقاچى بولغاندا ھايۋاننى ناركوز قىلىپ بولۇپ قورساق بوشلۇقىنى يېرىپ ھايۋاننىڭ ھەزىم قىلىش يولىنى ئېچىپ ھەم ئاشقازان ئۈچەيلەرنى باشقۇرىدىغان نېرۋىنى تېپىپ توك بىلەن غىدىقلاپ ياكى خىمىيىلىك دورىلارنى ئىشلىتىپ ئاشقازان ئۈچەيلەرنىڭ ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىرىش كۆزىتىلىدۇ. جىددىي تەجرىبە ئۇسۇلىنىڭ شارائىتى ئاددىي بولۇپ، تەتقىق قىلىنىدىغان ئوبيېكتىنى بىۋاسىتە كۆزىتىش ۋە ئانالىز قىلىشقا بولىدۇ.