UyghurMain Dictionary
جيۇسەيپىڭ سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى قادىرىيەنىڭ تارمىقى بولۇپ، نىڭشانىڭ خەييۈەندىكى جيۇسەيپىڭ دېگەن يېرىدە بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ سۈلۈكنىڭ تۇنجى پېشىۋاسى گەنسۇ پىڭلىياڭلىق ئەن خۇڭشەن 1920 - يىلى جيۇ سەيپىڭغا كۆچۈپ كېلىپ، دىنىي ھوقۇقنى قولىغا ئېلىپ، مۇرشىد بولغان. بۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئورنىغا راھىب ياڭ جىيۇڭ چىققان. ياڭ جىيۇڭ قادىرىيەنىڭ يەتتىنچى ئەۋلاد پىرى، ئەن خۇڭشۇننىڭ ئۇستازى ياڭ مۇزىنىڭ جەسىتىنى خۇزىخېدىن جيۇسەيپىڭغا يۆتكەپ كەلگەن ھەمدە گۈمبەز سالدۇرغان. بۇ گۈمبەز بۇ سۈلۈككە مەنسۇپ 16 - 17 گۈمبەزنىڭ ئىچىدە خېلى چوڭى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گۈمبەزدە مۆجىزە كۆرۈلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. پىرلارغا نەزىر قىلىنغان كۈنى كىشىلەر كېلىپ كۈجە يېقىپ تاۋاپ قىلىدۇ. <قۇرئان> تىلاۋەت قىلىدۇ. گۈمبەزدىن راھىب بولۇپ ئىستىقامەت قىلىۋاتقان مۇرشىدلار ئۆزى تەۋە جامائەنى ھەر يىلى بىر قېتىم قەرەللىك زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ. جيۇ سەيپىڭدىن باشقا، شىنىڭ، لەنجۇدىمۇ بۇ سۈلۈكنىڭ ئادەملىرى بار.