Chinese→UyghurMain Dictionary
久米邦武
دۇنيا تارىخى
كۇمې كونتاكې
(1839 - 1931) ياپونىيەلىك تارىخشوناس، ئەدەبىيەت دوكتورى. ساگاۋاسساللىقىنىڭ ساموراي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ۋاسساللىق مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1871 - يىلى ئىۋاكۇراتومومى بىلەن بىرگە زىيارەت ئۈچۈن چەتئەلگە چىققان. 1879 - يىلى سالنامە سارىيىنىڭ باشلىقى بولۇپ، <بۈيۈك ياپونىيە يىلنامىسى> نى تۈزۈشكە قاتناشقان. 1888 - يىلى ئىمپىرىيە داشۆسىنىڭ پىروفسسورى، قوشۇمچە يىلنامە تۈزۈش ھەيئەت ئەزاسى بولغان. شىگېنوسادا قاتارلىقلار بىلەن < دۆلەت تارىخى > نى تۈزۈش خىزمىتى بىلەن پائال شوغۇللانغان. 1891 - يىلى <تارىخ ئىلمىي ژورنىلى> دا <ئىلاھىي مەزھىپىنىڭ تەڭرىگە نەزىر - چىراق قىلىش ئادەتلىرى> دېگەن ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئىلاھىيەت ساھەسى بىلەن دۆلەتپەرەس ئالىملارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغان. كېيىن ۋاسىدا داشۆسىدە قەدىمقى زامان ئەسەرلەر ۋە ياپونىيەنىڭ قەدىمقى تارىخىدىن دەرىس بەرگەن. ئوكۇم شىگنوبۇگاغا ياردەملىشىپ <دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 50 يىللىق تارىخ> نى تۈزگەن. <قەدىمقى ئەسەرلەر لىكسىيىسى>، <بۈيۈك ياپونىيە دەۋرى تارىخى>، <نابېسمانا ئوماسا تەرجىمىھالى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.