Chinese→UyghurMain Dictionary
金雀花王朝
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
jīn què huā wáng cháo
پلانتاگېنېتDئۇنىۋېرسال
jīn què huā wáng cháo
پلانتاگېنېت پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
قاراغان خاندانلىقى
ئانجۇ خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەنگلىيەنىڭ فېئودال خاندانلىقى (1154 - 1399). 1154 - يىلى ئەنگلىيە كورۇلى سىتپان ئۆلگەن. فرانسىيەنىڭ ئانجۇ گرافى ھېنرى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅰ نىڭ جيەنى سالاھىيىتى بىلەن تەختكە ئولتۇرۇپ ھېنرى Ⅱ دەپ ئاتىلىپ قاراغان خاندانلىقىنى (ئۇنىڭ دادىسى گوففېرى شىلەپىسىگە قاراغان پېيى قىستۇرۋالغاچقا شۇ نام بېرىلگەن). مەزكۇر خاندانلىق فېئودال ۋارىسلىق مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن، ئەنگلىيەدىن باشقا، يەن فرانسىيىدىمۇ كەڭرى يەرنى ئىگىلىۋالغان. ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە ئەدلىيە، ھەربىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان، شەھەر ئاھالىسى ۋە رىتسارلارغا تايىنىپ مۇنارخىيىلىك ھوقۇقنى شەكىللەندۈرگەن؛ شوتلاندىيە ۋە ئىرلاندىيىگە قوشۇن تارتىپ يۈز يىللىق ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ 1381 - يىلى ۋات تەيلېر قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1399 - يىلى 9 - ئايدا، رىچارد Ⅱ تەختتىن چۈشۈپ، ئورنىنى لانكاستې خاندانلىقى باسقان. ھەرقايسى كورۇللار ۋە ئۇلارنىڭ تەختكە ئولتۇرغان يىللىرى: ھېنرى Ⅱ (1154 - 1189)، رىچارد Ⅰ (شىر يۈرەك، 1189 - 1199)، جون (يەرسىز 9911 - 1216)، ھېنرى (1216 - 1272)، ئېدۋارد Ⅰ (1272 - 1307)، ئېدۋارد Ⅱ (1307 - 1327)، ئېدۋارد Ⅲ (1327 - 1377)، رىچارد Ⅱ (1377 - 1399).