Chinese→UyghurMain Dictionary
禁年制
دۇنيا تارىخى
مەنئى قىلىنغان يىل تۈزۈمى
ⅥⅩ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا يانچىلىق تۈزۈمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن روسىيىدە يولغا قويۇلغان بىر خىل تۈزۈم. ئىۋان Ⅳ دېھقانلارنىڭ ئاچارچىلىق ۋە ئالۋان ياساقنىڭ ئېغىرلىشىشى تۈپەيلىدىن جەنۇبقا قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پومېشچىكلارنىڭ يېتەرلىك ئەمگەك كۈچلىرىگە ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، 1581-يىلى پەرمان چۈشۈرۈپ يولغا قويغان. بۇ پەرمان بارلىق دېھقانلارنىڭ <مەنئى قىلىنغان يىل> دا كۆچۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، بىر خوجىلىق يەرئ ىگىسىدىن باشقا بىر خوجىلىق يەر ئىگىسىنىڭ قولىغا يۆتكىلىشىگىمۇ بولمايدىغانلىقى، ھەتتا يورىي بايرىمى (كونا كالېندار بويىچە 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان چېركاۋ بايرىمى) دەىمۇ بۇنىڭ سىرتىدائەمەسلىكى بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە ئىۋان Ⅳ نىڭ ئۆزى 1550-يىلقى قانۇندا بېكىتكەن دېھقانلارنىڭ ھەر يىلقى يورىي بايرىمىدا كۆچۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ماددىنى ئەمەلدىن قالدقۇرغان. كېيىن دېھقانلارنىڭ يورىي بايرىمىدىمۇ كۆچۈشى مەنئى قىلىنغان يىل <مەنئى قىلىنغان يىل> دەپ ئاتالغان. بۇ تۈزۈم دېھقانلارنىڭ قېچىپ كېتىشىنى توسۇيالمىغان، ئۇزۇن ئۆتمەي چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى يەنى دېھقانلارنىڭ قېچىپ كېتىشىنى مەنئى قىلىدىغان پەرماننى چىقارغان ھەمدە يەرنى يېڭىۋاشتىن تەكشۈرۈپ، تىزىملانغان دېھقانلارنىڭ پومېشچىكنىڭ يېرىدىن ئايرىلىشىغا مەڭگۈ رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بېكىتىپ، ئۇلارنى پومېشچىكلارنىڭ مۇقىم قۇلىغا ئايلاندۇرغان.