Chinese→UyghurMain Dictionary
禁门之变
دۇنيا تارىخى
ئوردا دەرۋازىسىدىكى ۋەقە
ياپونىيە توتگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ناگانبۇ ۋاسساللىقىنىڭ قوشۇنى بىلەن شوگنات قوشۇنىنىڭ پايتەختتىكى ئوردا دەرۋازىسى يېنىدىكى قوراللىق توقۇنۇشى. بۇ ئۇرۇش ناھايىتى شىددەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، گېيمېن دەرۋازىسىدىكى ۋەقە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1863 - يىلىدىكى 18 - ئاۋغۇست سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، ناگاسۇ ۋاسساللىقى گەرچە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈزۈلۈكسىز ھالدا كۈچ توپلاپ، پايتەختكە يۈرۈش قىلىش پۇرسىتىنى كۈتكەن. ئىكىدايا ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋاسسال مورىجى پايتەختكە ئەسكەر تارتىشنى قارار قىلغان. 1864 - يىلى يازدا فوكوخارا (1815 - 1864) قاتارلىقلار كۇساكا قاتارلىق شوگناتقا قارشى گۇرۇھنىڭ سىياگونلىرى بىلەن بىرلىكتە 1600 نەپەر ئەسكەرنى باشلاپ شەرققە ئاتلانغان. 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا كيوتونىڭ يېنىدىكى فۇجيەن، چەيئې، شەنچى قاتارلىق جايلارغا يېتىپ بارغان. خان ئوردىسى شوگنات باشلىقىنىڭ پىكىرىگە بىنائەن ناگاسا ۋاسساللىقىنىڭ بېگىگە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى بۇيرۇغان بولسىمۇ، ئەمما رەت قىلىنغان. 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، كيوتودا، بولۇپمۇ ئوردىنىڭ توققۇز دەرۋازىسىنىڭ بىرى بولغان گېيمېن دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا، ناگاسۇ ۋاسساللىقىنىڭ قوشۇنى ئائىزۇ، كۇۋانا، سامو قاتارلىق ۋاسساللىقلارنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلغان. ئەمما ئازچىلىق كۆپچىلىككە تەڭ كېلەلمەي، ناگاسۇ قوشۇنى مەغلۇپ بولغان، كۇساكا قاتارلىقلار يارىدار بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، شوگنات <خانلىقنىڭ دۈشمەنلىرى> نى جازالاش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ناگاسۇغا ئىككى قېتىم جازا يۈرۈشى قىلغان.