Chinese→UyghurMain Dictionary
进化论
تېببىي
jìn huà lùn
ئېۋولۇتسىيە نەزەرىيىسى، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىDئورمانچىلىق
jìn huà lùn
تەدىرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىDتارىخ
jìn huà lùn
تەدىرىجىي تەرەققىيات نەزەريىسى (ئېۋولۇتسىيە)Dمائارىپ
jìn huà lùn
تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىDئۆسۈملۈك
jìn huà lùn
ئېۋوليۇتسىيە نەزەرىيىسىDئۇنىۋېرسال
jìn huà lùn
ئېۋوليۇتسىيە نەزەرىيىسى، تەدىرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى
Dباغۋەنچىلىك
jìn huà lùn
تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى
بىئولوگىيە
ئېۋوليۇتسىيە
<ئۆزگىرىپ بېرىش نەزەرىيىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى شەرھلەيدىغان نەزەرىيە. ئېۋوليۇتسىيە دېگەن ئاتالغۇنى ئەڭ بۇرۇن فرانسىيىلىك بىئولوگ لامارك (J.BLamarck) ئوتتۇرىغا قويغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىغا كەلگەندە ئەنگىلىيىلىك بىئولوگ دارۋىن (C.R.Da,via) <تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى> دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ ئېۋوليۇتسىيىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دارۋىن تەلىماتى دەپ ئاتالدى. كېيىن ۋېيسىمان (A.Weismann)ئاساسەن مېندېل (G.J.Mendel) ۋە مورگان(T.H.Morgan) ئېقىمىدىكى تەرەققىيات <يېڭى دارۋىنىزم> تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى توساتتىن ئۆزگىرىش ۋە شالغۇتلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان گېنلارنىڭ قايتا گۇرۇپپىىشىشى ھەمدە تەبىئىي تاللىنىشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەسىرىدىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈردى. ياپونىيىلىك مولېكۇلا ئىۋوليۇتسىيىچى كىمۇرا (Kimura) 1986 - يىلى مولېكۇلا تەدرىجىي تەرەققىيات نېيتىرال تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مەيلى قانداق تۈر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئوخشاش ئاقسىلدىكى ئامىنو كىسلاتالارنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ھاسىل بولغان توساتتىن ئۆزگىرىش نېيترال ياكى نېيتراللىققا يېقىنلىشىدۇ دېگەننى كۆككە كۆتۈردى. يەنى تەبىئىي تاللىنىش ھەم پايدىلىق ھەم پايدىسىز بولىدۇ؛ مولېكۇلىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدىكى بۇ توساتتىن ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈرگە توپلىنىشىنى ئۇ ئوڭ تاللىنىشتىن بولغان، ئىرسىيەتلىك لەيلىمە ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقارمىغان دەپ قارىدى. ھازىرقى زامان بىئولوگىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ھەققىدە نۇرغۇن نەزەرىيىۋى ئاساسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جانلىقلار ەڭ بۇرۇن جانسىز ماددىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ. ھازىر يەر شارىدا ياشاۋاتقان ھەر خىل جانلىقلار ئورتاق ئەجدادنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىرسىيىتى ۋە تەبىئىي تاللىنىشى، ياكى نېيتىرال توساتتىن ئۆزگىرىپ لەيلەش ئارقىلىق تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىككە، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تۈرى ئازلىقتىن كۆپلۈككە قاراپ تەدرىجىي دېففېرېنسىيىلىنىپ ئۆزگىرىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن.