Chinese→UyghurMain Dictionary
井原西鹤
دۇنيا تارىخى
ئىھارا سايكاكۇ
(1642 - 1693) ياپونىيىنىڭ ئېدو دەۋرىدىكى ئاددىي خەلق يازغۇچىسى. ئۇساكادا باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى ھىراياماتوگو. ياش ۋاقتىدا شېئىر يېزىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، پەيجۇ (ياپونىيىنىڭ بىر خىل قىسقا مىسرالىق شېئىر تۈرى بولۇپ، 17 خەت بىر كۇپلېت قىلىنىدۇ - ت) يېزىشقا ماھىر. 1682 - يىلى <شەھۋەتپەرەس بىر ئەۋلاد ئەرلەر>، 1686 - يىلى <شەھۋەتپەرەس بىر ئەۋلاد ئاياللار> قاتارلىقلارنى نەشىر قىلىپ تارقىتىپ، ئوكىيو ساۋزى ھېكاي ئۇسلۇبىنى يارىتىپ، سودىگەرلەرنىڭ ھاۋايى ھەۋەسكە بېرىلگەن ئۆز مەيلىچە تۇرمۇشىنى ۋە جەمئىيەتتىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ ئادىتىنى تەسۋىرلىگەن. 1688 - يىلى <ياپونىيىلىك يوڭدەيساڭ> نى نەشىر قىلىپ، پۈتۈن نىيىتى بىلەن بېيىشقا ئۇرۇنىدىغان بىر كىشى ھەققىدىكى ھېكايىنى بايان قىلغان. 1692 - يىلى <جاھاننى كۆڭۈلدە ھېسابلاش قوللانمىسى> نى نەشىر قىلىپ، ھارپا كېچىسىنى مەركىزىي نۇقتا قىلغان ھالدا، سودىگەرلەرنىڭ پۇل مەستانىلىق تراگېكومېدىيىسىنى مەركەزلىك تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا سامۇرايلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەيدىغان ھېكايە ۋە قىسقا يۇمۇرلار توپلاملىرىمۇ بار. ئۇمۇمىي مايىللىقتا سامۇرايلارنىڭ ئەخلاقىي كۆز قارىشىنى تەنقىد قىلىپ، سودىگەرلەرنىڭ ماددىي بايلىققا تايىنىپ ھۇزۇر - ھالاۋەت قوغلىشىشقا ئۇرۇنىدىغان، ئەڭ ئاخىرى يەنىلا فېئودال چۈشەكلەردى قۇتۇلالمايدىغان تەقدىرنى ئەكس ئەتتۈرگەن.