Chinese→UyghurMain Dictionary
金富轼
Domain: دۇنيا تارىخىجىن فوشى
(1075 - 1151) چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئالىم. چىڭجۇ شەھىرىدىن. لەقىمى لى چۈەن. سۇزۇڭ دەۋرىدە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. رىنزۇڭ دەۋرىدە ئەمەل تۇتقان. شاغاۋۇل ۋازارىتىدە يانداش ئامبال، نوپۇس پىرقىسىدا دىۋانبېگى ۋە باش مىرزا قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1135-يىلى ئەمر - لەشكەر بولۇپ، قوشۇن باشلاپ پخىنياندىكى مياۋچىڭ توپىلىڭىنى باستۇرغان. ئىككىنچى يىلى شىنجىڭنى ئىشغال قىلغان. 1142-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1145-يىلى <ئۈچ دۆلەت تارىخى> نى تۈزۈپ چىققان. يەنە ئۇ <رۇڭزۇڭ خاتىرىلىرى>، <رىن زۇڭ خاتىرىلىرى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.