Chinese→UyghurMain Dictionary
吉隆坡
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەركۇئالالۇمپۇر
شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى مالايسىيا بىرلەشمىسىنىڭ پايتەختى. ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى، شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 243 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ (1980). ئۇلارنىڭ 2/3 قىسمىنى جۇڭگو قان سىستېمىسىدىكى مالايشىيالىقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ شەھەر مالايشيانىڭ غەربىدىكى كىلاڭ ۋە گامباك دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. ئەتراپىنى ئېگىز - پەس تاغلىقلار قورشاپ تۇرغان بولۇپ، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل. بۇ جاي ئەسلىدە ئىسسىق بەلباغ قەدىمىي ئورمانلىقلىرى بىلەن قاپلانغان ئورمانلىق بولۇپ، ئورمانلىقلاردا ياۋايى ھايۋانلار، ئىسسىق بەلباغ ھاشاراتلىرى بەك كۆپ بولغان، 1857 - يىلى جۇڭگولۇق 87 نەپە ئىشچى بۇ جايدا قەلەي رۇدىسىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى پالما يوپۇرمىقى بىلەن ياسالغان ئۆي ئىچىگە يوشۇرۇپ ساقلىغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا قەلەي رۇدىسىنىڭ كۆپلەپ قېزىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ جاينىڭ قۇرۇلۇشى تېز كېڭىيىشكە باشلىغان. شۇنىڭدىن تارتىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. كۇئالا لۇمپۇر شەھىرىدە كاچۇك سانائىتى، ياغاچ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى، ماشىنىسازلىق، پولات پروكاتلاش، ئاپتوموبىل، سېمونت، خىمىيە قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار، كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدە كاۋچۇك سانائىتى، ماشىنىسازلىق، پولات پروكاتلاش، ئاپتوموبىل، سېمونت، خىمىيە قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. كۇئالالۇمپۇر شەھىرىنىڭ قاتناش - ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان، ئۇ تۆمۈر يول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتتىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ يېنىدىكى خەلقئارا ئايرودرومى ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىدۇ. شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى رەتلىك، ئۇ جايدا 400 مىڭدىن ئارتۇق ھەرخىل ماشىنا قاتنايدۇ. شەھەرگە ھەر يىلى چەت ئەللەردىن كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەرمۇ بىر مىليون 280 مىڭدىن ئاشىدۇ. شەھەردە مالايشىيا داشۆسى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، دۆلەتلىك پارلامېنت بىناسى، چوڭ ماگزىنلار، مېھمانخانىلار، چوڭ بانكىلار، ھەرخىل ساياھەت ئورۇنلىرى بار
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىjí lóng pō
كۇئالالۇمپۇرDئۇنىۋېرسال
jí lóng pō
كۇئالالۇمپۇر
GetWord Corpus
Pronunciation: 8jí lóng pō
كۇئالالۇمپۇر
كۇئالا لۇمپۇر
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.