Chinese→UyghurMain Dictionary
基础代谢
بىئولوگىيە
ئاساسىي مېتابولىزم
ئۇ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرالىشىغا كېرەكلىك بولغان ئەڭ تۆۋەن ئېنېرگىيە سەرپىياتى. بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى ئاساسىي مېتابولىزم - ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى (ئۈنۈمى) دېيىلىدۇ. ئۆلچەش ۋاقتىدا سىناق قىلىنغۇچىنىڭ ئاچ قورساق بولۇشى (ئاز دېگەندە 12 سائەت تاماق يېمىگەن بولۇشى)، ئويغاق، تىنچ ۋە خاتىرجەم ھالەتنى ساقلىشى ئوڭدىسىغا تۈز يېتىپ، پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللىرىنى ئىمكان قەدەر ئازادە تۇتۇشى تەلەپ قىلىنىپ، ئۆي تېمپېراتۇرىسى 20 سىلتسىيە گرادۇس ئەتراپىدىكى شارائىت ئاستىدا ئۆلچىنىدۇ. بۇ چاغدا سىناق قىلىنغۇچىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئاساسەن يۈرەك، نەپەسلىنىش ئورگىنى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ساقلاشقا ئىشلىتىلىپ نېرۋا جىددىيلىكى، مۇسكۇل ھەرىكىتى، ئوزۇقلۇق ھەم مۇھىت تېمپېراتۇرىسى قاتارلىقلارنىڭ مېتابولىزم نىسبىتىگە بولغان تەسىرى چىقىرىۋېتىلگەن بولىدۇ. ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى بەدەن سىرتقى يۈزىنىڭ ھەر كۋادرات مېتىر جايدىن سائىتىگە ھاسىل قىلغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنىڭ كىلوكالورىيە سانى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ كىلوكالورىيە؛ سائەت كۋادرات مېتىر(. ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى جىنسىي ئايرىمىسى، ياش پەرقى، بەدەن ئەھۋالى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك. ئەرلەرنىڭ ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرى، ئۆسمۈرلەرنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ مېتابولىزم نىسبىتىنى ئوخشاش ئۆلچەش شارائىتى ئاستىدا ئوخشىمىغان ۋاقىت ۋە كۈنلەردە ئۆلچىگەندە نەتىجىسى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتىنىڭ خېلى مۇقىم بولىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. نورمال ئەھۋالدىكى ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى ئادەتتە 10 - 15 پىرسەنت دائىرىسى ئىچىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئادەم بەدىنى قىزىغاندا ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى ئۆرلەيدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ھەر بىر سىلتسىيە گرادۇس ئۆرلىگەندە ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى 13 پىرسەنت ئۆرلەيدۇ. بەزى كېسەللىكلەرگىمۇ ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن، قالقانبەز خىزمىتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىش كېسەلىكىدە ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى ئۆرلەيدۇ؛ خىزمىتى يېتەرىسى بولسا، ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا كلىنىكىدا ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتىنى ئۆلچەشنى بەزى كېسەللىكلەرگە دىئاگنور قويۇشنىڭ كۆرسەتكۈچلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە پايدىلىنىلىدۇ.
باغۋەنچىلىك
jī chǔ dài xiè
ئاساسىي ماددا ئالمىشىشDئورمانچىلىق
jī chǔ dài xiè
ئاساسىي ماددا ئالمىشىشىDتەنتەربىيە
jī chǔ dài xiè
ئاساس مېتابولىزم، ئاساسىي ماددا ئالمىشىشDتېببىي
jī chǔ dài xiè
ئاساسىي مېتابولىزم