Chinese→UyghurMain Dictionary
家族盟的
دۇنيا تارىخى
بوربۇن جەمەتىنىڭ ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى
ئىسپانىيە بوربۇن سۇلالىسى بىلەن فرانسىيە بوربۇن سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ قېتىملىق ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1733-يىلى، 1743-يىلى ۋە 1761-يىلى ئىمزالانغان. 1733- ۋە 1743-يىلىدىكى ئىتتىپاقىق ئەھدىنامىسىدە: ئىسپانىيە، فرانسىيە ئىككى دۆلەت پولشادىكى پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئاۋسترىيىدىكى پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىدا بىرلىشىپ ئاۋسترىيە ھابىسبۇرگ سۇلالىسىگە قارشى تۇرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1761-يىلىدىكى ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسىدە: ئىسپانىيە، فرانسىيە ئىككى دۆلەت يەتتە يىللىق ئۇرۇش داۋامىدا بىرلىشىپ ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.