Chinese→UyghurMain Dictionary
加瓦斯
Domain: دۇنيا تارىخىگاۋازى
(1809 - 1899) ئىتالىيە ئويغىنىش ھەرىكىتى ئەربابى. 1848 - 1849 - يىللىرى ئىتالىيەنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدا پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتناشقان. 1849 - يىلى رىم جۇمھۇرىيىتى قوشۇنىدا باش پوپ بولۇپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا مەسئۇل بولغان ھەمدە قىزغىن ۋەتەنپەرۋەرلىك نۇتۇقلىرىنى سۆزلەپ، ئىنقىلابىي ئاممىنى رىم پاپاسىنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتى ۋە لىبېراللارنىڭ قورقۇنچاقلىق سىياستىگە قارشى تۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، غايەت زور تەسىر پەيدا قىلغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. 50، 60 - يىللاردا كۆپ قېتىم گارىبالدىنىڭ يىراققا يۈرۈشىگە قاتنىشىپ، ئۇنىڭ يېقىن سەپدىشى بولۇپ قالغان. كېيىن ئىتالىيىدە ئىنجىلىزملىق يېڭى دىن يارىتىپ، پاپانىڭ دىندىن سىرت ھوقۇقى ۋە چېركاۋنىڭ كاززاپلىقىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.