Chinese→UyghurMain Dictionary
加藤友三郎
دۇنيا تارىخى
كاتو توموسابۇرو
(1861 - 1923) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1922 - 1923). دېڭىز ئارمىيە مارشالى. خىروسىمادىكى سامۇراي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان دېڭىز ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن. جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئېيىنو پاراخوتلۇق زەمبىرەكچىلەرنىڭ باشلىقى بولغان. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بىرلەشمە فلوتنىڭ شتاب باشلىقى بولۇپ، ياپون دېڭىزى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كۇرې بازىرى مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى، بىرىنچى فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان. 1915 - يىلى دېڭىز ئارمىيىسى ئادمىراللىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، ئارقا - ئارقىدىن ئوكۇما، تېرائۇچى، خاراكې، تاكاخاشى كابىنېتلىرىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان، 1921 - يىلى تۇنجى قېىتملىق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل سۈپىتىدە، ۋاشىنگتون يىغىنىغا قاتنىشىپ، بەش كۈچلۈك دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيە كېلىشىم ۋە جۇڭگوغا قارىتىلغان توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولغان. ئىككىنچى يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كابېنت ئۇيۇشتۇرۇپ، قوشۇمچە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. ھەربىي خادىملارنى قىسقارتىش، مالىيەنى تەرتىپكە سېلىش سىياسىتنى قوللانغان، لېكىن ئومۇمىي سايلام قانۇن لايىھىسىگە قارشى تۇرغان.