Chinese→UyghurMain Dictionary
碱基替换
بىئولوگىيە
ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ ئورۇن ئالمىشىشى
DNA مولېكۇلىسىدىكى مەلۇم بىر ئىشقار رادىكالىنىڭ باشقا بىر خىل ئىشقار رادىكالى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇشى بولۇپ، نۇقتا مۇتاتسىيىسىنىڭ بىر خىل تىپىدۇر، مەسىلەن، ئادېنىن (A) گۋانىن (G) غا ياكى ستوزىن (C) غا ئۆزگىرىدۇ، ئەكسىچىمۇ بولىدۇ. بىر ئىشقار رادىكالى ئورۇن ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، بىر قېتىم نۇسخىلىنىش دەۋرلىكىدىن ئۆتىدۇ - دە، ئۇنىڭ بىلەن جۈپ تۈزىدىغان ئىشقار رادىكالىمۇ ماس ھالدا ئۆزگىرىدۇ، مەسىلەن G غا ئۆزگەرگەندىن كېيىن DNA نىڭ بىر قېتىم نۇسخىلىنىشى بىلەن ئەسلىدىكى ئىشقار رادىكال جۈپى AT، ئىشقار رادىكال جۈپى GC گە ئۆزگىرىدۇ. ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى ئىككى خىل تىپلىق بولىدۇ. <ئوڭ ئالمىشىش> ۋە <تەتۈر ئالمىشىش> قا قاراڭ.