Chinese→UyghurMain Dictionary
箭虫
ئۇنىۋېرسال
jiàn chóng
ساگىتتا، ئوقيا قۇرت
بىئولوگىيە
ساگىتتا
نەيزە قۇرت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈك تاڭلايلىق ھايۋانلار تىپى، ساگىتتالار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بەدىنى ئىنچىكە ھەم كىچىك، نەيزىسىمان ھەمدە نەيزىگە ئوخشاش ئالدىغا سەكرىيەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن نەيزە قۇرت دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ تېنى باش، گەۋدە ۋە قۇيرۇق قىسىملىرىغا بۆلۈنىدۇ. بېشى نىسبەتەن چوڭراق، دۈمبىسىدە بىر جۈپ كۆزى بار، ئاغزى باش قىسمىنىڭ قورساق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىككى يېنىدا بىردىن كلاپانى، كلاپاننىڭ ئۈستىدە قاتارلىشىپ ئۆسكەن تاڭلاي تۈكلىرى بولىدۇ. گەۋدە قىسمىنىڭ دۈمبە تەرىپى دۇمباق، قورساق تەرىپى ياپىلاق، يان تەرىپىدە بىر ياكى ئىككى جۈپ يان پالاقچىسى بولىدۇ. قۇيرۇق قىسمى ئاخىرقى ئۇچىدا بولۇپ، سەل ئۈچ بۇرجەك شەكىلدىكى بىر قۇيرۇق پالاقچىسى بولىدۇ. ئانۇسى گەجگە بىلەن قۇيرۇق قىسمىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، بەدەن بوشلۇى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، توغرىسىغا كەتكەن ئايرىغۇچى پەردىلەر (دىئافراگمىلار) تەرىپىدىن باش قىسمىنىڭ بوشلۇقى (بىر بۆلۈمچە)، گەۋدە قىسمىنىڭ بوشلۇقى (كۆپ ھاللاردا ئۇزۇنىسىغا ئىككىگە بۆلۈنگەن)، قورساق قىسمىنىڭ بوشلۇقى (بىر بۆلۈمچە ياكى ئىككى بۆلۈمچە) گە بۆلۈنگەن. قوش جىنسلىق (ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تەنىدە). بىر جۈپتىن تۇخۇمدان ۋە ئۇرۇقدانى بولۇپ، ئادەتتە باشقا تەنىدىن ئۇرۇقلىنىدۇ. ساگىتتالار دېڭىز - ئوكيانلاردىكى لەيلىگۈچى ھايۋانلاردىن بولۇپ، گۆشخورلۇق بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بېلىجانلارنىڭ تەبىئىي يېمى ھېسابلىنىدۇ، بەزى تۈرلىرىنى يەنە دېڭىز ئېقىمىنىڭ كۆرسەتكۈچى قىلىشقا بولىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ دېڭىز بويىلىرىدىن چىقىدىغانلىرىدىن مەلۇم بولغانلىرى 20 خىلدىن ئاشىدۇ، كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرى سېمىز نەيزە قۇرت (Sagitta enflata).