Chinese→UyghurMain Dictionary
加纳王国
Domain: دۇنيا تارىخىگانا پادىشاھلىقى
ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى قەدىمكى دۆلەت. مىلدى 300 - يىللار ئەتراپىدا ماندىگو تىل سىستىمىسىدىكى سونىنكېلار قۇرغان. پايتەختى گانا شەھىرى. گۈللەنگەن مەزگىلدە زېمىنى نېگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى ۋە سېنېگال دەرياسى ئېقىمى رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. دۆلىتىدە ئالتۇن كۆپ، شىمالىي ئافرىقا بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مۇرابىتلار بىر مەھەل تاجاۋۇز قىلىپ، گانا شەھىرىنى ئىگىلىۋالغان، گانا پادىشاھى قۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئۇلپان تاپشۇرۇشقا، ئىسلام دىنىغا ئېشىنىشكە مەجبور بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي مۇستەقىللىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتكەن. ⅢⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، مالى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.