UyghurMain Dictionary
جىگەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بېغىر، جىگەر:
يۈرەك.
1. ئەجەب جەللاد ئىكەنسەن تاپمادىڭ مەندەك ئەسىرى ئىشق،
كەباب ئەتتىڭ يۈرەك بىرلە جىگەر قانىم شەراب ئەتتىڭ.
گۇمنام.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەزاسى.
ھاراق ئاش بولماس، جىگەرگە تاش بولار. جىگەردە ۋىتامىن A كۆپ بولىدۇ. ناماز شام قارىغۇسى بولۇپ قالغانلارغا جىگەر ئەڭ ياخشى دورا. گۆش ئورۇق بولسا بولسۇن بېغىر بولمىسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<ئانات> ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئورگانلىرىنىڭ بىرى. ئادەمنىڭ جىگىرى قورساق بوشلۇقىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بولۇپ ئىككى قاناتلىق بولىدۇ. ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىش، ھايۋان كراخمالىنى زاپاس ساقلاش، ئاقسىل ماددىسىنى تەڭشەش، ماي ۋە كاربون بىرىكمىلىرىنىڭ مىتابولىزمىنى تەڭشەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
جىگەر راكى. جىگەر رەڭ. قىگەر كاۋىپى.
كۆچمە. غەيرەت، جۈرئەت.
- يىگىتلىك جىگىرىڭ بىلەن ئادەملەر ئۈچۈن بىر ئىشلىۋەت، بۇ يەردىن تېزرەك چىقىپ كېتەيلى، - دېدى ئىشچى سۈپەت كىشى.
كۆچمە. سۆيۈملۈك، ئەزىز (كۆپىنچە Ⅰ شەخس بىرلىك سان قوشۇمچىسى بىلەن كېلىدۇ).
جىگىرىم، قارا سېنى، چوڭ بولۇپ كېتىپسەن، تونۇماي قاپتىمەن.