Uyghur←ChineseMain Dictionary
جېففېرسون
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى杰菲逊
jié fēi xùn
Domain: دۇنيا تارىخى杰弗
jié fú
(1743 - 1826) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1801 - 1809). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئاساسچىسى. ۋىرگىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. ئەسلىدە ئادۋوكات بولۇپ، 7691 - 1774 - يىللىرى شتات پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1773-يىلى <ئالاقىلىشىش كومىتېتى> نى بەرا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغۇچىلاrنىڭ بىرى بولۇپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى تەشەببۇس قىلغان. 1775-يىلى 2-نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىغا قاتناشقان، <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى> نى تەييارلاشقا قاتناشقان. 1779-يىلى <ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1785-يىلى >ۋىرگىنىيە خاتىرىلىرى< نى تەييارلاشقا قاتناشقان. 1779-يىلى ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1785-يىلى >ۋىرگىنىيە خاتىرىلىرى< نى نەشر قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دېموكراتىك ئىدىيىىسنى تەشۋىق قىلغان. 1789-يىلى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. 1797-يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1800-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بۇرژۇئا دېموكراتىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. سىياسىي جەھەتتە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغان؛دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللىي مۇستەقىللىكىنى قوغدىغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەنگلىيە ماللىرىنى كۆپلەپ كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇپ، مىللىي ئىگىلىكنى قوغداپ، كاپىتالىزمنىڭ ئامېرىكىدا ئەركىن تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. ئىدىيە جەھەتتە ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە دېموكراتىزمنى تەشەببۇس قىلغان. سىرتتىن لۇئىزانانى سېتىۋېلىپ، زېمىنىنى كېڭەيتكەن؛ چەت ئەلنىڭ ئامېرىكىغا قۇل كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلغان. بۇ تەدبىرلەر ئامېرىكىا كاپىتالىزمنىڭ راۋاجلىنىشىنى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.