UyghurMain Dictionary
جەئفەر سادىق
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بەزىدە جەئفەر بىننى مۇھەممەد دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىئە مەزىپىدكى ئالتىنچى ئىمام، تەقۋادارلىقى ۋە بىلىملىكلىكى بىلەن مەشھۇر. نۇرغۇن مەشھۇر ئۆلىمالار ئۇنىڭ قولىدا تەربىيلەنگەن. ئەجداتلارنىڭ ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، سىياسىي بىلەن كارى بولمىغان. خەلىپە بولۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى رەت قىلغان. تۆۋەن قاتلامدىكى رادىكاللارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، چوڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ ئىماملىققا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن. ئىمامنى بۇرۇن ئۆتكەن ئىمام تەيىنلەشنى تەشەببۇس قىلغان. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەنسۇر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. كۇفەگە كۆپ قېتىم چاقىرتىلغان ھەمدە نەزەربەند قىلىنغان. ئۆزىگە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئورۇنسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، جەئفەر سادىق ئىمام بولغان مەزگىلدە شىئە مەزىپىدىكى تەقىيەنى تەرەققىي قىلدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئىمام ئەقىدىسى توغرىسىدىكى تەشەببۇسى ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سېلىپ بەرگەن. جەئفەر سادىق شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي مەزھەپكە ئۆتۈش داۋامىدىكى مۇھىم ئەرباب بولغان. ئىمام ئەقىدىسى تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقتىن، سۈننىي مەزھىپىدىكى دىنىي ئىلىمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. تەسەۋۋۇپچىلار تەرىپىدىن پېشۋا، دەپ ھۆرمەتلەنگەن. ئېيتىشلاردىن قارىغاندا، <كىتاب جەفىر> ناملىق مەخپىي ئىلىم توغرىسىدىكى مۇقەددەس كىتابى بار ئىكەن.