UyghurMain Dictionary
جەرەن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈت ئەمگۈزگۈچىلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان، تاغۇتاش، دەشتۇ باياۋانلاردا يۈرىدىغان ئاچا تۇياق ھايۋانلار.
كېيىك سۇ ئىچكەن يەردىن پاقىمۇ سۇ ئىچەر. جەرەن جەزىلەرنىڭ ئىگىسى ۋە زىننىتى. قارا قۇيرۇق ئوۋلاشقا قاۋۇل يىگىت كېرەك. تاغلاردا ئېلىك، يايلاقتا قوي، بىر يەردە يىغا، بىر يەردە توي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تۈكلىرى ئاق سېرىق، پارقىرايدۇ؛ مۈڭگۈزى قىسقا ۋە سەل ئەگرى، قۇيرۇقى قىسقا، تۆت ئايىغى ئىنچىكە كېلىدۇ؛ چۆللەردە ياشايدۇ، گۆشى مەززىلىك، تېرىسىدىن كىيىم تىكىشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
جەرەندەك (ئاھۇدەك) چاققان ۋە گۈزەل قىز.