UyghurMain Dictionary
جەننەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
«جەننات» گە قاراڭ.
زەمىننىڭ يۈزىن قىلدى جەننەت مىسال،
ۋۇھۇشۇ تۇيۇر تاپتى ئاندىن نەۋال.
غەربىي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، ئۇ دۇنيادىكى ھەممە تەييار، ھەممە گۈزەل باغ
« ئېرەم، رەۋەزە، رىزۋان » لار جەننەتنىڭ ناملىرى.
جەننەت زۇلۇم يوق يەردە. مېھمان كەلگەن ئۆي جەننەت. دوزاخقا كۆنگەن كۆڭۈل بېھىشكە كۆنمەپتۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلغان بەندىلەر ئۆلگەندىن كېيىن كىرىدىغان ناھايىتى باياشات، گۈزەل باغ.
دوزاخ، جەھەننەم (تومۇغ)
دىنىي چۈشەنچە بويىچە گۇناھلىق ئىشلارنى قىلغان بەندىلەر ئۆلگەندىن كېيىن كىرىدىغان ئوتلۇق زىندان.
ئانا ئايىغىدا جەننەت بار. بېھىشتىن چىققان كۆك تاياق، يۈگۈرتىدۇ يالىڭاياغ. بىغەرەزدىن دوزاخ قېچىپتۇ. ھېچكىم ھېچكىمنى جەننەتكە باشلاپ بارمايدۇ. زالىمنىڭ ئورنى جەھەننەم. يامان بىلەن جەننەتتە بولغۇچە، ياخشى بىلەن جەھەننەمدە بل. جەھەننەمنى كۆرمىگەن جەننەتنى ياراتماس. دوزاخقا كۆنگەن كۆڭۈل بېھىشكە كۆنمەپتۇ.
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، پارسچىدا بېھىش دېيىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىخلاس قىلغان ئاخىر زاماندىكى شاد - خۇراملىق ماكانىدۇر. <جەننەت> بىلەن <دوزاخ> ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. <قۇرئان كەرىم> گە، ھەدىسكە ۋە مۇفەسسىرلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، جەننەت سەككىز قەۋەت بولۇپ، يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدە، ئاللاغا يېقىن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئەرش بولۇپ، ئۇ يەردە <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى خاتىرىلەنگەن <دەپتەر> ساقلانغان بولىدۇ. مالائىكىلەر ساقلاۋاتقان جەننەت ئىشىكى جەننەتكە كىرىدىغانلارغا ئوچۇق تۇرىدۇ. جەننەتتىكى دەريالار ئېقىپ تۇرىدۇ. سۈت، شاراپ، ھەسەل دەريا بولۇپ ئاقىدۇ. خورمىلىق، بانانلىق، ئۈزۈملۈك باغلار بولۇپ، دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدۇ، ھاۋاسى ئادەمگە بەك ياقىدۇ. يىلبويى ئىسسىپ ياكى مۇزلاپ كەتمەيدۇ. ئۆيلەر كاتتا بېزەلگەن، ياقۇت ئورنىتىلغان كارىۋاتلار قويۇلغان بولىدۇ. جەننەتتە ياشىغان ئادەملەر تاۋار - دۇردۇندىن تون كىيىدۇ. ئۈنچە - مەرۋايىت بېزەكلەرنى تاقايدۇ. گۆشلۈك تائاملارنى، قۇشلارنىڭ گۆشىنى ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى يەيدۇ، ئېسىل شاراپلارنى ئىچىدۇ. ئالتۇن پەتنۇس، ئالتۇن قەدەھ، ئەينەك شىشىلەر ئۆي سايمىنى قىلىنىدۇ. پاكىز، چىرايلىق جۆرىلەر بولىدۇ. نۇرغۇن دىدەكلەر (ئوخشاش ياشتىكى قىزلار) بولىدۇ. جەننەتتە قۇرۇق پاراڭ، يامان سۆز ۋە يالغان سۆز بولمايدۇ. ئىنسان بەختلىك ياشايدۇ، ھارمايدۇ، جاپا تارتمايدۇ، ئۆلمەيدۇ. مەڭگۈ راھەت ئۆتىدۇ. پەرىشتىلەر يوقلاپ تۇرىدۇ ھەمدە جەننەتتىكىلەر دوزاخقا چۈشۈپ كەتكەنلەر بىلەن سۆزلىشىپ، ئاللانىڭ ئۇلۇغلۇقىغا گۇۋاھ بولىدۇ. ھەدىستە ئېيتىلىشچە، شېھىت بولغانلار ۋە ئەۋلىيا - دەرۋىشلەر جەننەتكە بىۋاسىتە كىرىپ كېتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<دىن> دىنىي ئېتىقاد بويىچە، گۇناھ بولىدىغان ئىشلارنى قىلماي، ياخشى ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغان يېرى.
كۆچمە. ھەممە نەرسە تەل بولغان، راھەتبەخش، ئاۋات جاي.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
جەننەتخان، جەننەتقىز، جەننەتگۈل
باغ (بۇ ئىسىمدا كىشىلەرنىڭ ئۇ ئالەمدە جەننەتكە كىرىش ئارزۇسى ۋە جەنەتتىكى ھەممە نەرسىنى گۈزەل، ئۇلۇغ دەپ قاراش ئېڭى ئەكىس ئېتىدۇ)