UyghurMain Dictionary
جەبرىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى دەسلەپكى ئەقىدە ئېقىملىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى <زورلانغان> دېگەنلىك بولۇپ، مۆمىنلەرنىڭ ئاللانىڭ ئىرادىسىگە مۇتلەق بويسۇنۇشى كېرەكلىكى كۆزدە تۇتۇلغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. بەزىلەر بۇ سۆزنى ئەرەبچە <قەدەر> ئاتالغۇسىدىن كەلگەن، ئاللا پېشانىگە پۈتكەن <تەقدىر> دېگەنلىك بولىدۇ، دەيدۇ. بۇ ئېقىم Ⅷ ئەسىردە <تەقدىرچىلىككە قارشى تۇرغۇچىلار> غا قارشى بارلىققا كەلدى. ئاللا پېشانىگە پۈتكەن تەقدىرگە قارشى تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن <تەقدىرچىلەر> دپ ئاتالغان. ئۆز تەلىمىگە قارشى تۇرغۇچىلارنى ھەمىشە <قەدەرىيىلەر> دەپ ئاتاپ، ئۇلار تەقدىرگە سەل قارايدۇ، بۇ دۇنيادىكى ئادەم ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى يارىتىدۇ، دەپ بىلىدۇ. بۇ ئېقىم ئىسلام دىنىنىڭ تەقدىر تەلىماتىنى ئاساسىي ئېتىقادلارنىڭ بىرى دەپ بىلىپ، ئىنساننى ئاللا ياراتقانلىقتىن، ئۇنىڭدا ئەركىن ئىرادە بولمايدۇ. ئادەمنىڭ ئىدىيىسى، سۆز - ھەرىكىتى، ئاپەتلىك ياكى ئامەتلىك بولۇش تەقدىرىنى تۇغۇلۇشىدىن بۇرۇن ئاللا پېشانىسىگە پۈتۈۋەتكەن بولىدۇ. ئىنسان ئاللانىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشى كېرەككى، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا، ئاللانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئادەمنىڭ قىلمىشىنىمۇ ئاللا ئۇنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈۋەتكەن بولىدۇ؛ بۇ دۇنيادىكى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقىنى، ھەق بىلەن ناھەقنى، چىنلىق بىلەن ساختىلىقنى، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى ئاللا تەقدىرگە پۈتۈۋەتكەن بولىدۇ، دەپ قارىدى. كېيىنكى تەرەققىيات داۋامىدا بۇ ئېقىم ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بىر تەرەپ ئادەممۇ جانسىز جىسىملارغا ئوخشاش، ئاللانىڭ ئەمرىدىن مۇستەقىل ئەركىن ئىرادىگە ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس، دەپ قاراپ، <ساپ جەبرىيىلەر> دەپ ئاتالدى، يەنە بىر تەرەپ ئاللانىڭ ئەمرىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىغا، ئاللا يول قويغان چەكلىك دائىرە ئىچىدە ئىنساننىڭ مۇۋاپىق ئەركىنلىككە ئىگە بولىدىغانلىقىغا، مەسىلەن، ئاللانىڭ ئەمرىنى ئىدراك، بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىپ، <مۆتىدىل جەبرىيلەر> دەپ ئاتالدى. ئومۇمەن، دەسلەپكى ئەشئەرىلەر مۇشۇ ئېقىمغا مەنسۇپ، دەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېقىم ئىسلام دىنىنىڭ ئىلمىي تەۋھىد، ئىلمىي فىقھە، ئىلمىي تەپسىر، ئىلمىي ھەدىس قاتارلىق ساھەرلىرىگە كەڭ تەسىر كۆرسەتتى. ئىلمىي تەۋھىد ساھەسىدە مۆتىدىل قاراشتىكى ئېقىم ئۇزۇن مۇددەت يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. <ئەنئەنىۋى> قاراشتىكى ئۆلىمالار <تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش> نى ئىسلام دىنىدىكى ئالتە ئىماننىڭ بىرى قىلدى. فىقھە ئىلمى ساھەسىدە شەرىئەتنى ئاللا ئەمرىنىڭ يىغىندىسى، ئاللا ئىرادىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى، مۆمىنلەر شەرىئەتكە قاتتىق ئەمەل قىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاللانىڭ ئەمرى يول قويغان دائىرىدە بەندىدە ئىجتىھاد ۋە چۈشەندۈرۈش ئەركىنلىكى بولىدۇ، دەپ قارىدى. ئىلمىي تەپسىر ۋە ئىلمىي ھەدىس ساھەسىدە ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن تەقدىر تەلىماتىنى چىڭ تۇرىدىغان ئاساسىي ئېتىقادلارنىڭ بىرى قىلدى.