Uyghur←ChineseMain Dictionary
جىدەن، ساۋجۇڭ قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
金旦.曹忠起义
jīn dàn .cáo zhōng qǐ yì
چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى خەلق قوزغىلىڭى. 1177-يىلى (مىڭزۇڭنىڭ 7-يىلى) 5-ئايدا چاۋشىيەننىڭ غەربىي شىمالىي رايونىدا جىندەن، كاڭ شۇ ۋەساۋ جۇڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلق قوزغىلىڭى پارتلاپ، غەربىي پايتەخت پخىنياننى ئىشغال قىلغان. 7-ئايدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان، جىندەن تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلغان، ۋۇ چىن ھاكىمىيىتى نۇرغۇن قوشۇن ئەۋەتىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلغان ۋە جىندەن قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرگەن. 9-ئايدا، قوزغىلاڭچى قوشۇن پخىنياندىن مياۋشياڭشەن تېغىغا چكىنگەن، ۋۇچىن ھاكىمىيىتى لى يىمىن باشچىلىقىدىكى ئارمىيىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. 10-ئايدا كاڭشۇ قاتارلىقلار تەسلىم بولغان. 11-ئايدا سۋجۇڭمۇ تەسلىم بولغان. شۇنداق قىلىپ، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.