UyghurMain Dictionary
جىددىي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۇختا ئويلاپ قىلىنغان تېز ھەرىكەت.
بىلىم ئادەمدىن ئەڭ جىدددىي ۋە ئەڭ ئەستايىدىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كەسكىن ئۇستازنىڭ كايىشى مېھرىبان ئاتىنىڭ ئەركىلەتكىنىدىن ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
پۇختا ئويلاپ، چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان؛ كەسكىن، قەتئىي.
جىددىي ئادەم.
ئەھمىيىتى چوڭ، تېز بىر تەرەپ قىلىش لازىم بولغان؛ مۇھىم، زۆرۈر.
جىددىي مەسىلە.
قىلچە ساختا بولمىغان؛ چىن، راست، ھەقىقىي.
ھەربىر ئادەم ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتا ئاكتىپ، جىددىي پوزىتسىيە تۇتۇشى لازىم.
يامان ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن بولغان؛ جاپالىق، تەس، قىيىن.
جىددىي كېسەللىك. جىددىي ئەھۋال.
ئالدىراش، تېز، مۇھىم.
جىددىي ۋاقىت. جىددىي پەيت.
ناھايىتى قاتتىق، ئىنتايىن كۈچلۈك.
جىددىي تەلەپ. جىددىي ئارزۇ.