UyghurMain Dictionary
جاۋچىڭدىكى شمېن مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جاۋچىڭ شەھىرىدىكى شىمېندا. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا سېلىنغان. ئۇزۇن يىللار رېمونت قىلىنمىغاچقا، 1983 - يىلدىن باشلاپ قايتا سېلىنغان. 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى 1987 - يىلى پۈتتۈرۈلگەن. يان كارىدورغا خەنزۇچە، ئەرەبچە ئابىدىلەر ئويۇلۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەسچىتنى سېلىشقا پۇل تەقدىم قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ مەسچىت گۇاڭدۇڭ ۋە شياڭگاڭ مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا مۇئەييەن تەسرگە ئىگە.