UyghurMain Dictionary
جاۋاب
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يول قويۇش، ماقۇل كۆرۈش.
ئۆلۈمگە ھېچكىم رۇخسەت سورىماس. ئىجازەت بېرىلگەن ئىشنى يەنە سوراۋەرمە. جاۋاب ئېنىق، قورقماي ئىشلە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سوئال، تەلەپ، مۇراجىئەتكە ئاغزاكى ياكى يازما قايتۇرۇلغان گەپ - سۆز ياكى ئىما - ئىشارەت.
بۇ سوئالغا كىم جاۋاب بېرىدۇ.
مەسىلە، تېپىشماق، ئىمتىھان قاتارلىقلارنىڭ يېشىمى.
بۇ ھېساب كىتابىدىكى مەسىلە مىساللارنىڭ جاۋابى ئاخىرىدىكى مۇندەرىجىدىن كېيىن بېرىلگەن.
بىرەر ئىش ئۈچۈن بېرىلگەن رۇخسەت، ئىجازەت.
بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان دادام جاۋاب قىلمىغاچقا، بىز ئىشىك تۈۋىدە جىم تۇردۇق.
خوتۇنىنى قويۇۋېتىشكەا بېرىلگەن رۇخسەت، قوشۇلۇش.
ئامىنە ئاچچىقىدا ئەكرەمنىڭ پېشىنى تۇتۇپ: - جاۋابىمنى بەر، مۇنداق ياشىغۇچە ئاجراشقىنىم ياخشى، - دېدى.