Uyghur←ChineseMain Dictionary
جاراھەت يېشى
Domain: بىئولوگىيە伤流
shāngliú
زىدىلەنگەن ياكى قايرىلغان ئۆسۈملۈك توقۇلمىسىنىڭ سۇيۇقلۇق سىرغىتىپ چىقىرىش ھادىسىسى. ئېقىپ چىققان سۇيۇقلۇق جاراھەت يېشى دەپ ئاتىلىدۇ. جاراھەت يېشى تەتقىقات تارىخى 1894 - يىلى Dixon. H.H بىلەن JOLy.J نىڭ سۇنىڭ يۇقىرىغا يۆتكىلىشىدىكى ئچىكى توپلىما كۈچ تەلىماتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن باشلىنىپ، سۇنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەش مېخانىزمى توغرىسىدا كۆپلەپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى، جاراھەت يېشىنىڭ ھاسىل بولۇش سەۋەبلىرىنى يېشىپ بېرىدىغان ھەر خىل تەسەۋۋۇرلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جاراھەت يېشىنىڭ مىقدارى ۋە تەركىبى مەلۇم خىل ئەھۋال ئاستىدا يىلتىز سىستېمىسى متېابولىزمنىڭ ھاياتلىق كۈچىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئادەتتە يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ھاياتلىق كۈچى قانچە يۇقىرى بولسا مېتابولىزمى شۇنچە كۈچلۈك، جاراھەت يېشىنىڭ مىقدارى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۆسۈملۈك يىلتىز سىستېمىسىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھاياتلىق كۈچى تەتقىقاتىدا جاراھەت يېشىنى ئۆلچەشنى باشتىن ئاخىر بىر مۇھىم كۆرسەتكۈچ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.