UyghurMain Dictionary
جامى جەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
جەمشىت جامى، پادىشاھ جەمشىت ياساتتۇرغان تىلسىملىق جام. نەۋائىنىڭ تەرىپىچە: جەمشىت ھېكىملەرگە بۇيرۇپ ئىككى جام ياساتتۇرغان. بىرىنىڭ ئىسىمى جامى ئىشرەتفىزاي. بۇ جامدىكى مەي ئىچكەن بىلەن تۈگىمەس. تولۇق تۇرۇۋېرەر ۋە قىيپاش قىلىنسىمۇ ھەم تۆكۈلمەس ئىكەن؛ ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى جامى گىتىينە ماي. بۇ جامدىن مەي ئىچكەن پەيتتە دۇنيادا يۈز بەرگەن ھادىسلەر كۆرۈنۈپ تۇرار ئىكەن. بۇ جام يەنە جامى جەھانبىن، جامى جەھەننەما. دەپمۇ ئاتىلىدۇ:
كىشىكىم كويىدا ياستانىپ، قان ئىچمەك ئىزدەر، ۋەھ،
فەرىدۇن بەل سۇلەيمەن تەختى ئۆزرە جامى جەم چەكتى.
ئەرشى.