Uyghur←ChineseMain Dictionary
جامائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش قانۇنى
دۇنيا تارىخى
公用企业罢工法
gōng yòng qǐ yè bà gōng fǎ
1909 - يىلى ياش تۈركىيە پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلار ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش پەرمانى. ئۇنىڭدا: ئىشچىلار ئىش تالاشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتتىن كېلىشتۈرۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. 1910 - 1911 - يىللىرى ياش تۈركىيە پارتىيىسى ھۆكۈمىتى مۇشۇ قانۇننى تەتبىقلاپ، ئىشچىلارنىڭ كۆپ قېتىملىق ئىش تاشلىشىنى باستۇرغان. 1913 - يىلدىن كېيىن ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بارلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى تارقىتىۋېتىلگەن.