UyghurMain Dictionary
جام
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئاياق، قەدەھ، جۈڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
موڭغۇلچە، كونىرىغان سۆز. بېكەت.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قەدەھ، مەي پىيالىسى:
قويۇپ ئالىغە گۇنە - گۇنە تەئام،
ئىگەچ - ئوق تۇتتىلەر تولا - تولا جام.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قەدەھ، ئاياق، پىيالە، كاسە؛ مىس دۇمباق؛ جاڭ؛ رەڭلىك ئەينەك؛ گۈل تاجىسى؛ دانە، پارچە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىچكۈلۈك ئىچىدىغان كىچىك قاچا، چىنە.
«قەدەھ كۆتۈرمەك» رەسمىي سورونلاردا، «رومكا سوقۇشتۇرماق» ئاددىي ئولتۇرۇشلاردا دېيىلىدۇ.
«باكال» پىۋا ئىچىشتە ئىشلىتىلىدۇ.
ھاراقكەشنىڭ بايلىقى - قەدەھ. قەدەھتە ئۆلگەن دېڭىزدا ئۆلگەندىن جىق. ھەي ئىنسان، قولۇڭدا پەۋەس تولغان جام، ۋەسۋەسىدىن تىنماس دىل، بىسەرەمجان. مەست قولىغا چۈشسە پىيالە، ئەسىلا ئۇنى سۇندۇشنى كۆرمەيدۇ راۋا. كىشىلەر « سالاپەتلىك ئۈچۈن» دەپ رومكا سوقۇشتۇرۇپ سالامەتلىكىدىن ئايرىلىدۇ. پىۋا ئىچتۇق باكالدا، خار بولمايلى ئۆز ماكاندا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
شاراب ئىچىلىدىغان قاچا؛ قەدەھ، رومكا.
كىچىك ياغاچ قاچا.
ئاقسۇنىڭ كونىشەھەر ناھىيسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى