UyghurMain Dictionary
جايلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەدىبىنى، جاجىسىنى بەرمەك.
ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆزىنىڭ يولى بىلەن باپلا. ئويناشمىغىن ئەرباپ بىلەن، سېنى جايلار ھەر باب بىلەن.
شىۋىلەر
پىچاق قاتارلىق تىغلارنى ئىتتىكلىتىش ئۈچۈن تاش قاتارلىق نەرسىلەرگە سۈركىمەك.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
داجىماق، ئۆزىنى چەتكە ئالماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر جايغا، بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىگە سالماق؛ ئورۇنلاشتۇرماق، جايلاشتۇرماق.
ئۇ ئىنتايىن قىممەتلىك نەرسىنى لاتىغا يۆگەپ، تۆش يانچۇقىغا جايلىدى.
تەخ ھالەتكە كەلتۈرمەك، ھازىرلىماق.
بىر ئاز پۇل جايلاپ، بىر تاغار ئاشلىق سېتىۋالدىم - دە، ئۇنى قاسىم ئاكامنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدىم.
قاملاشتۇرماق، ئەپلىمەك.
ئۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىر ئېغىز سۆزنى جايلاپ قىلالمايدىغان بىر بالا ئىكەن.
دالدىغا ئالماق، چەتكە ئالماق.
شۇ چاغدا ياردەمچىسى ئۇنىڭ مۈرىسىدىن تارتىپ: - ئۇستام، ئۆزىڭىزنى تېز جايلاڭ! - دەپ توۋلىدى.
بىرەر ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك، مۇۋاپىق بېجىرمەك، بەجا كەلتۈرمەك؛ ئامال قىلماق، ھەل قىلماق.
- ئەمسە، سەن چىقىپ، ئەپەندىم ئۆيدە يوق دەپ قويغىن، قالغىنىنى ئۆزۈم جايلايمەن، - دەپتۇ ئەپەندىم.
كۆچمە. بىر ۋاسىتە بىلەن ئالدىماق، قولغا چۈشۈرمەك.
- موللا قارىم دەپ ئۆز ئاكامدىن ئارتۇق كۆرۈپتىمەن، ئاخىرى كېلىپ مېنى جايلاپ كەتتى، - دېدى ئۇ موللا زەيدىنگە قاراپ.
كۆچمە. ئەدىپىنى، جازاسىنى بەرمەك؛ يوقاتماق.
چېرىكلەردىن پەقەت بىر نەچچىسىلا قالدى. ئۇلارنى جايلىۋېتىپلا، بېرىپ نەسىردىن بىلەن قوشۇلىمىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
دىئال. تىغلىق ئەسۋابلارنى تاش قاتارلىق نەرسىلەرگە سۈركىمەك، ئىتتىكلەتمەك