UyghurMain Dictionary
جاھانگىر
دۇنيا تارىخى
(1569 - 1627)ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانى (1605 - 1627) ھىندىسان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانى (1605 - 1627) ئەسلى ئىسمى سالىم، ئەكبەرنىڭ ئوغلى، ئۆز ئاتىسىغا ئاسىيلىق قىلغان تەختكە چىققاندىن كېيىن جاھانگىر دەپ ئاتالغان. ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى قوشۇن چىقىرىپ مېۋارنى بويسۇندۇرغان، بېنگال ۋە دېكان رايونىدىكى ئىسياننى باستۇرغان. دىنىي جەھەتتە كەڭ قورساقلىق سىياىتىنى قوللانغان. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندەكەيپ - ساپاغا بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن، ھاكىمىيەت شىرەم تۇغقانلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىپ، ئوردا ئىچىدە ئىچكى نىزا ئەۋج ئالغان. باجنى ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، دۆلەت ئىگىلىكى يامانلىشىپ كەتكەن. 1622-يىلى قەندىھار ئىران سافى سۇلالىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىنى ياكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچى.