UyghurMain Dictionary
يېزىخو ئەمىنى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بوتانىكا
مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مەززىلىك پۇرايدۇ. ئېگىزلىكى 20 - 45 سانتىمېتىر. بىر قانچە شېخى سىڭاريان ئۆسىدۇ، غولىنىڭ رەڭگى سۆسۈن ياكى ئازراق يېشىل، سىرتىنى ئاق تۈكلەر ئوراپ تۇرىدۇ. يوپۇرمىقى پەيسىمان تولۇق يېرىلىپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، زەھەر ياندۇرۇش، تاماق ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولى بار.