UyghurMain Dictionary
يېڭى زامانچىلىق تەپسىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> نى تەپسىر قىلىدىغان ئېقىملارنىڭ بىرى بولۇپ، ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى پەيدا بولۇپ، بۇنىڭغا ھىندىستانلىق ئۆلىما سەئىد ئەخمەدخان ۋە مىسىرلىق ئۆلىما مۇھەممەد ئابدۇ ۋەكىللىك قىلدى. ئۇلار قۇرئاننى <ھازىرقى زامان> نەزىرى بىلەن چۈشەندۈرۈشنى تەكىتلىگەنلىكتىن شۇنداق ئاتالدى. ئۇلار <قۇرئان كەرىم> نى ئىلمىي، ئەقلىي، ناتۇرالىزم ۋە تارىخۋازلىق قارىشى بىلەن تەپسىر قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى. مۇھەممەد ئابدۇنىڭ ئىلمىي تەپسىرىدە <قۇرئان كەرىم> بىلەن ئىلىم، ئىدراكنىڭ پۈتۈنلەي بىردەكلىكى، سۈرە - ئايەتلەردە پەننىي بىلىمگە خىلاپ مەزمۇنلارنىڭ يوقلۇقى، ئەگەر بىرەر ۋەھىيدە نامۇۋاپىقلىق بولسا، ئۇنى راتسىئونالىزملىق بىلەن چۈشەندۈرۈشنى جاكارلىدى. لېكىن ۋەھىينىڭ ئىدراكتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى، ئىدراكنىڭ قىسمەنلىكىنى تونۇيدىغانلىقىنى، ۋەھىينىڭ بولسا ھەممە ھەقىقەتنى تونۇيالايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. سەييىد ئەخمەدخان قۇرئاننى تەپسىر قىلىشنىڭ 51 ئاساسىي پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئاللانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى، دۇنيانىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدىكى كىتاب، بىلىم، ئەقىل - پاراسەت، ھەقىقەتلەر توپلىمى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىلمىي تەپسىرنىڭ بەزى يېڭى پرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن، ھازىر نەشر قىلىنغان <قۇرئان كەرىم> تارىخىي يىللار بويىچە تۈزۈلگەن. ئۇنى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئاساسەن تەپسىر قىلىش كېرەك. كېيىنكى ئايەتلەر بۇرۇنقى <ناسىخ ئايەتلەر> نىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، دېيىش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دەپ قارىدى. بەزى سۈرە - ئايەتلەرنى ناتۇرالىستىك ئىزاھلىدى. مەسىلەن، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەنئى قىلىنغان مېۋىنى يەپ قويۇشى توغرىسىدىكى رىۋايەتنى ئىنساننىڭ ئاجىز تەبىئىيىتى دەپ ئىزاھلىدى؛ قىيامەت سورىقىنى ئىنسان جىسمانىي تېنىنىڭ ئەمەس، بەلكى مەنىۋى تەبىئىيىتىنىڭ تىرىلىشى، دەپ ئىزاھلىدى. پەرىشتىلەرنى ئاللا ياراتقان نەرسىلەردە مەۋجۇت بولغان تەبىئىي خۇسۇسىيىتىدۇر، دەپ ئىزاھلىدى. پەرىشتىلەر ئالۋاستىنى <پاسىق مالائىكە>، ئىنساندىكى زۇلمەت ئارزۇسىنىڭ سىمۋولى، دەپ ئىزاھلىدى.