UyghurMain Dictionary
يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەت
دۇنيا تارىخى
سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1921 - 1936-يىللىرى يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي سىياسەت. ئۇرۇش ۋاقتىدىكى كوممۇنىستىك سىياسەتتىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇشۇنداق نام قويۇلغان. بۇنىڭدا تاۋار بىلەن پۇلنىڭ مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، شەھەر بىلەن يېزا ئىقتىسادىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىشچى - دېھقانلار ئىتىتپاقىنى مۇستەھكەملەپ، سانائەت يېزا ئىگخلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادقا ئۇل سېلىشنى مەقسەت قىلغان. سوۋېت ئىچكى ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن 1921-يىلى ئەتىيازدا، روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) نىڭ 10-قۇرۇلتىيىدا قارار قوبۇل قىلىنىپ: ئاشلىقنى بېجىنى ئارتۇق ئاشلىق سېتىەۋېلىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، باج تاپشۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئارتۇق ئاشلىقنى دېھقانلار ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىش، شەخسنىڭ سودا قىلىشىغا ۋە كىچىك كارخانا ئېچىشىغا يول قويۇش، ئىجارىگە بېرىش، ئىجارىگە ئېلىش تۈزۈمىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بەلگىلەنگەن. كۆپ خىل ئىگخلىك تەركىبى تەڭ مەۋجۇت بولغان، بەلكى ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى ئۈستۈنلۈكنى ئىگخلىگەن شارائىتتا، ئۇ دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىغان، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشى ۋە سوتسىياولىستىك سانائەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. گەرچە كاپىتالىستىك تەسىر كۈچلەرنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن پرولېتارىيات دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جان - تومۇرىنى ئىگىلەپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا كاپىتالىزم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. 1936-يىل سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتنىڭ سانائەتلىشىشىنى ۋە يېزا ئىگخلىكىنىڭ كوللېكتىپلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. لېنىننىڭ <يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەت يۈرگۈزگەن روسىيە سوتسىيالىستىك روسىيىگە ئايلىنىدۇ> دېگەن ئالدىنئالا ھۆكۈمى رېئاللىققا ئايلانغان.