Uyghur←ChineseMain Dictionary
يېڭى ئوسمان جەمئىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخى新奥斯曼协会
xīn ào sī màn xié huì
يېڭى ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى تۈركىيىدىكى مەخپىي سىياسىي تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتنى 1865 - يىلى 5 - ئايدا نامىق كامال ئىستانبولدا قۇرغان. ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى زىيالىيلار، سودىگەرلەر ۋە ئوفىتسىرلاردىن ئىبارەت. ئۇلار ئۆزلىرىنى يېڭى ئوسمانچىلار دەپ ئاتىۋالغانلىقى ئۈچۈن بۇ تەشكىلات يېڭى ئوسمان جەمئىيىتى دەپ ئاتالغان. ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان، ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغان. يۇقىرى قاتلامدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىش ئارقىلىق سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1876 - يىلى ئاممىۋى كۈرەشنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، سۇلتان ئابدۇل ئەزىزنى ئاغدۇرغان. جەمئىيەتنىڭ رەھبىرى مىدھەت ۋەزىر بولۇپ، تارىختىكى تۇنجى ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىققان. 1877 - يىلى ئابدۇل ھامىد Ⅱ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان، قاماققا تاشلانغان ياكى سەرگەردان بولۇشقا مەجبور بولغان، تەشكىلاتمۇ پارچىلانغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.