UyghurMain Dictionary
يېڭى ئادەملەر
بىئولوگىيە
قەدىمكى ئادەم باسقۇچىدىن كېيىنكى ئىنسانلار بولۇپ، ھازىرقى زاماندىن تەخمىنەن 100 مىڭ يىل ئىلگىرىكى پلىستوتسىننىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ياشىغان تاشقا ئايلانغان ئىنسانلاردىن تاكى ھازىرقى زامان ئىنسانلىرىغىچە بولغان ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1868 - يىلى ئالدى بىلەن فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كرو - ماگنون تاغ ئۆڭكۈرىدە كرو - ماگنون ئادىمى دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى ئادەملەرنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى تېپىلغان، شۇڭا ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچى يەنە كرو ماگنون ئادىمى باسقۇچى دەپ ئاتىلىدۇ. يېڭى ئادەملەرنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئوكيانىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تېپىلغان. مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى ھازىرقى زامان ئادەملىرىگە يېقىن كېلىدۇ. مەملىكىتىمىزدە گۇاڭشىنىڭ ليۇجاڭ ناھىيىسىدىن تېپىلغان ليۇجاڭ ۋە بېيجىڭ جۇكۇدىيەندىن تېپىلغان تاغ چوققىسىدىكى ئۆڭكۈر ئادىمى پۈتۈنلەي يېڭى ئادەملەرنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرىدۇر.