Uyghur←ChineseMain Dictionary
يۇتلاندىيە دېڭىز ئۇرۇشى
Domain: دۇنيا تارىخى日德兰海战
rì dé lán hǎi zhàn
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە، ئەنگلىيە - گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىلىرى يۇتلاندىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىز ئۈسىتدە ئېلىپ بارغان شىددەتلىك ئۇرۇش. 1916 - يىلى گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى ئاساسىي كۈچىنى مەكەزلەشتۈرۈپ بىر بۆلەك ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى ئوچۇق دېڭىزدا ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلشقا قىزىقتۇرغان. ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئولجا ئېلىنغان تېلېگرافتىن گېرمانىيە تەرەپنىڭ غەرىزىنى ئۇقۇپ قېلىپ، ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان. 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، ئىككى تەرەپ كەسكىن جەڭ قىلغان، گېرمانىيە فلوتلىرى مەقسىتىگە يېتەلمەي، بازىسىغا قايتىپ، داۋاملىق مۇداپىئەدە تۇرۇشقا مەجبور بولغان. دېڭىز ئۇرۇشىدا ئەنگلىيىنىڭ زىيىنى گېرمانىيىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە فلوتلىرى سان جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى يەنىلا ساقلاپ قېلىۋەرگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.