UyghurMain Dictionary
يۇستىنىئان
مەشھۇر شەخسلەر
يۇستىنىئان ( مىلادىيە483 −565 - يىللار) ئىللىرىيىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ تاغىسى يۇسىتىن ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى قوغدىغۇچى قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىكىگە تەيىنلىنىپ،518 - يىلى، پادىشاھ بولغان. يۇستىنىئان ئۇنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى سالاھىيىتى بىلەن يۇسىتىننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ھەمكارلىشىپ،527 - يىلى پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان.523
- يىلى، يۇستىنىئان تەدبىرلىك ۋە كەسكىن ئىش قىلىدىغان تېئودورا بىلەن توي قىلغان. تېئودورا ئەسلىدە كونستانتىپول تىياتىرخانىسىنىڭ ئارتىسى بولۇپ، رەھىمسىز، ھىيلىگەر، ھوقۇققا ھېرىسمەن بولغاچقا، يۇستىنىئاننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.
يۇستىنىئان رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خرىستىئان دىنى ئاساسىدىكى رىم ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. شۇڭا، ئۇ نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەچكە، ئەينى چاغدا كىشىلەر ئۇنى «ئارام ئالمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان شاياتۇن» دەپ قارىغان. ئۇ دۆلەت ئىچىدە قانۇنشۇناسلارنى تەشكىللەپ528 - يىلىدىن باشلاپ «دۆلەت قانۇنى قامۇسى» نى يولغا قويۇپ، قانۇن ئارقىلىق قۇلدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان ھەمدە خەلققە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن.532 - يىلى خەلق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاقسۆڭەك ھۆكۈمرانلارغا قارشى چىققان، كۈرەشنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار پايتەخت كونستانتىپولنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك كونترول قىلىۋالغان. يۇستىنىئان دەسلەپتە شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن خانىشنىڭ نەسىھىتى بىلەن نىيىتىدىن يانغان. ئۇلار ھىيلە - نەيرەڭ ئىشلىتىپ، قوزغىلاڭچى ئاممىنى بەيگە مەيدانىغا ئالداپ ئەكىرگەندىن كېيىن، ئارمىيىنى ئىشقا سېلىپ تۆت ئەتراپتىن قورشاپ زەربە بېرىپ،30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، بەيگە مەيدانىدا قان سەل بولۇپ ئاققان.
يۇستىنىئان تەرەپ - تەرەپكە قوشۇن ئەۋەتىپ جازا يۈرۈشى، تاجاۋۇزچىلىق قىلغان:533 −534 - يىللىرى شىمالىي ئافرىقىدىكى ۋاندالىن پادىشاھلىقىنى؛535 −555 - يىللىرى ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنى يوقاتقان؛554 - يىلى غەربىي گوتلۇقلارنىڭ قولىدىن ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىنى تارتىۋالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىدىكى پېرسىيە (ئىران) گە ھۇجۇم قىلغان. يۇستىنىئاننىڭ رىم ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىيالى تارىخنىڭ ئېقىمىغا قارشى بولغاچقا، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى بويسۇندۇرۇلغان رايونلار ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىل بولغان.
دۇنيا تارىخى
(483 - 565) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (527 - 655). ئىللىرىيىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ تاغىسى، ئىمپېراتور يۇستېن (045 - 527) تەختتىك مەزگىللىرىدە ئوردا سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. مىلادى 523 - يىلى تەدبىرلىك ۋە كەسكىن ئىش كۆرىدىغان تېئودورا (تەخمىنەن مىلادى 500 - 548 - يىللىرى) بىلەن توي قىلىپ، ئۇنى ئۆز مەسلىھەتچىسى ۋە ئەقىلدارى ئورنىدا كۆرگەن. تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ۋىزانتىيىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمدىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى قوغدىغان ھەمدە بىرلىككە كەلگەن رىم ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 528 - يىلى، <دۆلەت قانۇنى قامۇسى> نى تۈزۈش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەن. 532 - يىلى كونستانتىنوپولدىكى نىكا قوزغىلىڭىنى باستۇرغان ھەمدە ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بيۇروكرات ئاپپاراتىنى كۈچەيتكەن. تاشقى جەھەتتە، 533 - 534 - يىللىرى شىمالىي ئافرىقىدىكى ۋاندالىن پادىشاھلىقىنى، 535 - 555 - يىللىرى ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنى يوقاتقان، 554 - يىلى غەربىي گوتلارنىڭ قولىدىن ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىنى تارتىۋالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقتىكى قوشنىسى پېرسىيە بىلەن توقۇنۇشقان. يۇستىنىئان ئۆز دۆلىتىنى ئاسايىشلىق دۆلەت قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن كەڭ تۈردە ھاشار توپلاپ، ھەدەپ قۇرۇلۇش قىلىپ، كۆپلىگەن ئوردا - قەسىر، چېركاۋلارنى ياساتقۇزغان، بۇنىڭ ئىچىدە كونستانتىنوپولدىكى مۇقەددەس سوفىيە چېركاۋسى ناھايىتى كۆركەم سېلىنغان بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر.