Uyghur←ChineseMain Dictionary
يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفات كىسلاتا بېغى
بىئولوگىيە
高能磷酸键
gāonénglínsuānjiàn
ئورگانىك بىرىكمىلەردە تەركىبىدە مول ئېنېرگىيىلىك بىرىكمىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە گىدرولىزلانغاندا ھەر گرام مولېكۇلىسى 5000 كالورىيىدىن ئارتۇق ئەركىن ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدىغان خىمىيىلىك باغ يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك باغ دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ <~> بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تەركىبىدە فوسفات كىسلاتا رادىكالى بولغان بىرىكمىلەردىكى يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك O _ P باغ يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفات كىسلاتا بېغى دەپ ئاتىلىدۇ. ATP جانلىقلار تېنىدىكى ئەڭ ئېھتىياجلىق، تەركىبىدە يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفات كىسلاتا بېغى بولغان بىرىكمە بولۇپ، ئادەتتە ئورگانىزمنىڭ <ئېنېرگىيە ۋاليوتىسى> دەپ ئاتىلىدۇ. PH7، تېمپېراتۇرىسى 25 سىلتسىيە گرادۇس بولغان شارائىتتا ATP مولېكۇلىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىرىنچى فوسفات كىسلاتا بېغى گىدرولىزلىنىدۇ، يەنى ATP گىدرولىزلىنىپ ADP گە ئايلانغاندا ھەر گرام مولېكۇلىسى 8000 كالورىيە ئەركىن ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدۇ. ئىككىنچى فوسفات كىسلاتا بېغى گىدرولىزلانغاندا، يەنى ADP مولېكۇلىسى گىدرولىزلىنىپ AMP مولېكۇلىسىغا ئايلانغاندا ھەر گرام مولېكۇلىسى تەخمىنەن 0770 كالورىيە ئەركىن ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدۇ. شۇڭا ATP مولېكۇلىسىنىڭ ئەڭ ئۇچىدىن باشلاپ بىرىنچى، ئىككىنچى فوسفات كىسلاتا بېغى يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك باغ بولىدۇ. ATP دىن باشقا، يەنە GTP، CTP، TUP لارمۇ مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا يۇقىرى ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدىغان فوسفات كىسلاتالىق بىرىكمىلەر بولۇپ، ئۇلاردىمۇ يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك باغ بولىدۇ.