UyghurMain Dictionary
يۇقىرى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەرىجە جەھەتتىن تۆۋەننىڭ تەتۈرى، ئورنى ئادەتتىكىدىن ئاشقان.
ئالىي نىشانغا بارىدىغان يول ھامان ئەگرى - توقاي. جاپا - مۇشەققەتلىك بولىدۇ. كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ يۈكسەك غايە ھەقىقەتكە يېتىشتۈر. تىنماي يۇقىرى ئۆرلىگەن يۇقىرىدىن نەپ ئالار. بىلىم ياخشى،_ دېدى پىر ئاڭا بىر كۈن، بىلىملىك ئالەمدە ھەممىدىن ئۈستۈن. شەيتىنى غالىس كەلسە، ئىش غالىب كەلمەس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۈستۈن تەرەپ، ئۈستۈن ئورۇن، ئېگىز تەرەپ، ئېگىز ئورۇن، ئۈستۈن دەرىجە.
تۆۋەن ، پەس
پەس تەرەپ، پەس ئورۇن، پەس دەرىجە.
سۇ تۆۋەنگە ئاقىدۇ، تۈتۈن يۇقىرىغا ماڭىدۇ. شامال تۆۋىنىدىن كېلىدۇ. ئاپتاپ يۇقىرىدىن. تۆۋەننىڭ يۇقىرىسى بار، يۇقىرىنىڭ تۆۋىنى. نەزەرى ئۈستۈن، نەرخى تۆۋەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. مەلۇم بىر نەرسىنىڭ باش تەرىپى، بېشى.
ئۆستەڭنىڭ يۇقىرىسى.
سۈپ. باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئارتۇق، ئەلا.
يۇقىرى باھا. يۇقىرى مەكتەپ.
ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولدى.
ئى. ئۆينىڭ ئىشىكىگە، پەگەھقا نىسبەتەن قارىمۇقارشى تەرەپتىكى جاي، تۆر.
بەگ بالىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، موللا زەيدىننى ھۆرمەت بىلەن يۇقىرى ئۆتكۈزدى.
ئى. يېتەكچى تەشكىلات، رەھبىرى ئورگان.
- سىز خەلقنىڭ ئارزۇ - تەلەپلىرىنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈشىڭىز كېرەك ئىدى، - دېدىم ئۇنىڭغا.
ئى. ئالدىنقى، ئۆتكەنكى، بۇرۇنقى.
ئۇ خەتنى چىقىرىپ، يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنى ئۇنىڭغا بىر - بىرلەپ بايان قىلىپ بەردى.