Uyghur←ChineseMain Dictionary
يۇنو
دۇنيا تارىخى
朱诺
zhū nuò
قەدىمكى رىم خۇداسى. يۇنان ئەپسانىلىرىكدىكى مەبۇدە ھېراغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ نىكاھ ۋە تۇغۇتنى باشقۇرغانلىقتىن، ئانا - بالىلارنىڭ ھامىيىسى دەپ قارىلىدۇ. ئېرى (ھەم بىر تۇغقىنى) يۇپىتېر (يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى زىۋېسقا توغرا كېلىدۇ) بىلەن، ئۇرۇش خۇداسى مارس ۋە ئوت خۇداسى (ھۈنەرۋەنلەر خۇداسى) ۋۇلكانۇسنى تۇغقان. ئاي خۇداسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كاپتولى دۆڭلۈكىدە يۇپىتېر بىلەن يۇنوغا نەزىر - چىراق قىلىدىغان ئىبادەتخانا بار؛ مىلادىدىن 390 يىل ئىلگىرى، گاللىيىلىكلەر يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرگەندە، يۇنوغا نەزىر قىلىنغان غازلار رىم جەڭچىلىرىنى ئويغاتقان (<غازنىڭ رىمنى قۇتقۇزۇشى>) يۇپىتېر، مىنېرۋا بىلەن بىللە، رىم خۇدالىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.