UyghurMain Dictionary
يۇنچىدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
نامراتلاشتى، خارابلاشتى، يامانلاشتى.
ئەر يۇنچىدى _ ئادەم نامراتلاشتى، يەنى يوقسۇزلۇقتىن ئادەمنىڭ ھالى خارابلاشتى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
بىلگە بۆگۈ يۇنچىدى
ئاژۇن ئەتى يانچىدى
ئەردەم ئەتى تىنچىدى
يەرگە تەگىپ سۈرتۈلۈر
بىلىملىكلەر، ئاقىللار خارابلاشتى؛
دۇنيا (ئۇلارنىڭ) گۆشىنى غاجىلىدى؛
ئەردەم گۆشى بۇزۇلدى،
يەرگە تېگىپ سۆرۈلەر.
زاماننى چۈشەندۈرۈپ شۇنداق دەيدۇ: بىلىملىكلەرنىڭ ھالى خارابلاشتى، زامان ئۇلارنى چىشلەپ تارتتى؛ ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ گۆشى بۇزۇلۇپ، ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىدىن يەردە سۆرۈلۈپ يۈرمەكتە. « تانچادى» سۆزىنىڭ ئەسلى « تانچغادى» دۇر. ئوغۇلار بىلەن قىپچاقلار ئىسىملار ۋە پېئىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەلگەن «غ _ » ھەرپىنى چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
3 - 414