Uyghur←ChineseMain Dictionary
يۇم
ئىستېتىكا
يۇم (1776 - 1711)
休谟(David Hume,1711—1776),英国哲学家,历史学家经济学家
xiū mó (David Hume,1711—1776),yīng guó zhé xué jiā ,lì shǐ xué jiā jīng jì xué jiā lì shǐ xué jiā jīng jì xué jiā
دۇنيا تارىخى
休谟
xiū mó
(1) داۋىد يۇم (1711 - 1776) ئەنگلىيىلىك ئىدېئالىست پەيلاسوپ، تارىخشۇناس ۋە ئىقتىسادشۇناس. شۇتلاندىيىلىك سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئېدېنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۇقۇغان. 1734 - يىلى فرانسىيىگە بېرىپ پەلسەپە تەتقىقاتى ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ چاغدىكى سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئەنگلىيىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ كاتىپى ۋە ۋەكالىتەن ئىش بىجىرگۈچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1767 - يىلى مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن. 1769 - يىلى ئىستېپا بەرگەن. پەلسەپە جەھەتتە، بېركلىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، بىلىم - تەجرىبىدىن كېلىدۇ، تەجرىبە ئىككى خىل سەزگۈ (تەسىرات ۋە ئىدىيە) دىن تەركىب تاپىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. قانداق قىلغاندا سەزگۈگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، سەزگۈنىڭ سىرتىدا ئوبيېكتىپ شەيئى مەۋجۇتمۇ - يوق دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە ئۇ، كىشىلەر بۇنى بىلەلمەيدۇ، ئوبيېكتى شەيئى <تەسىرات> تىن، مەن پەقەت <سەزگۈ> دىن ئىبارەت دەپ قاراپ، بۇنداق قاراشنىڭ ئۆزى شۈبھىچىلىك دەپ ئاتىغان. پەلسەپە تارىخىدا بولسا، ئۇنى <بىلگىلى بولماسلىق> نەزەرىيىسى دەپ ئاتىغان؛ يەنە سەۋەبىيەت مۇناسىۋىتى ئوبيېكتىپ مۇقەررەرلىككە ئىگە ئەمەس، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ، دەپ ھېسابلىغان، ئۇنىڭ پەلسەپىسى كانتنىڭ بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا كۆنتىنىڭ دەلىلچىلىك پەلسەپىسى مەنتىقىسى پۇزىتۋىزم نەزەرىيىسىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تارىخشۇناسلىق جەھەتتە، ئالتە توملۇق <ئەنگلىيە تارىخى> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى جامېس Ⅰ دىن 1688 - يىلىدىكى <شانلىق ئىنقىلاب> قىچە بولغان تارىخىي ۋەقەلەرنى تورى پارتىيىسى مەيدانىدا تۇرۇپ شەرھلىگەن (كېيىن خۇيگ پارتىيىسىگە مايىل بولغان). ئىقتىساد توغرىسىدىكى ماقالىلىرىدە شۇ چاغدا كۈنسايىن گۈللىنىۋاتقان سودا - سانائەتنى مەدھىيلەپ، ئۆسۈم نورمىسى ۋە ۋاسىتىلىك باجنى كېمەيتىشكە ھەمدە <ئەمگەك باھاسى> نى ئۆستۈرۈشكە قارشى تۇرغان. <ئىنسان تەبىئىتى توغرىسىدا>، <ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى توغرىسىدا تەتقىقات>، <ئەخلاق پرىنسىپلىرى توغرىسىدا تەتقىقات>، <دىننىڭ تەبىئىي تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) ئېلون ئوكتاۋىئان يۇم (1829 - 1912) ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. ئەنگلىيىلىك. ياش ۋاقتىدا ھىندىستان ئىنستىتۇتى ۋە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇقۇغان، 1849 - يىلى بومبايدا ھىندىستان مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان، كېيىن ئىتاۋا رايونىنىڭ تەپتىش خادىمى ۋە ھىندىستان غەربىي - شىمال چېگرا ئۆلكىلىرى مالىيە ئەمەلدارى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار بولغان كۆپلىگەن مەخپىي ماتېرىياللار ۋە دوكلاتلارنى يىغقان ۋە مۇھاكىمە قىلغان. 1882 - يىلى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، سىملادا ئولتۇراقلىشىپ، ھىندىستاننىڭ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددىئاسى بويىچە، ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنى قۇرۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. خەلق كونگرېسى پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇزاققىچە بۇ پارتىيىنىڭ باش كاتىپى بولغان (1885 - 1908) ھەمدە 23 - نۆۋەتلىك يىللىق يىغىندا <ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ پېشۋاسى> دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 1894 - يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلغان، لېكىن يەنىلا خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بىلەن ئالاقىسىنى ساقلاپ قالغان.