يۈزلۈكⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈز-چىرايى بار:[مىسال:] ھېلىقى ئورۇق يۈزلۈك، يېشى توختىغان ئىشچى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈز ئابرۇيى بار، ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، ھۆرمەتلىك:[مىسال:] ھازىر ئۇ ناھىيىدە خېلىلا يۈزلۈك رەھبىرىي كادىر.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] دۇتار، تەمبۇر، راۋابقا ئوخشاش سازلارنىڭ يۈز تەرىپىگە ئورنىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان ماتېرىيال، شۇنىڭغا كېرەكلىك دەپ تەييارلانغان نەرسە.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاراۋانلار قوش تىككەندە قوشنىڭ يۈزىگە ياپىدىغان كىگىز.