UyghurMain Dictionary
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان شەخس. رىۋايەت قىلىنىشچە، ئاللانىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بىرى. يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام كىچىك ۋاقتىدا ئون بىر يۇلتۇزنىڭ، ئاي ۋە كۈننىڭ ئۆزىگە سەجىدە قىلغانلقىنى چۈش كۆرىدۇ. ئاكىلىرى دادىسىنىڭ يۈسۈفكە ئامراقلىقىغا ھەسەت قىلىپ، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىدۇ. كارىۋات ئۇنى قۇدۇقتىن قۇتقۇزۇۋېلىپ، مىسىرغا سېتىۋېتىدۇ. يۈسۈف چوڭ بولغاندا، ۋەزىرنىڭ خوتۇنىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىنى رەت قىلغانلىقتىن زىندانغا تاشلىنىدۇ. زىنداندا كىشلەرنىڭ كۆرگەن چۈشىگە تەبىر بېرىدۇ. مىسىر پادىشاھىنىڭ چۈشىگە توغرا تەبىر بەرگەنلكتىن ، خەزىنە باشقۇرۇشقا تەيىنلىنىدۇ. ئاكىلىرى مىسىرغا ئاشلىق سېتىۋالغىلى كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ ھەمدە ياشىنىپ قالغان دادىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى سۈرە - ئايەتلەردىكى ۋەقەلەرنى خاۋارىجلار غەلىتە، دەپ قاراپ، بۇ سۇرە - ئايەتلەرنىڭ ۋەھىي ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ.